
چارشەنبە (11-ئاينىڭ 4-كۈنى) يەر شارىۋى ئالتۇن بازىرىدا ئۇزاقتىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان كۈچلۈك قايتا ئۆرلەش كۆرۈلگەن بولۇپ. نەق مال ئالتۇن باھاسى زور دەرىجىدە % 3.3 ئۆرلەپ، ھەر ئۇنسىيەسى 4060.01 ئامېرىكا دوللىرى بىلەن بازارنى ئاياغلاشتۇرغان يەنى، بازاردا بىر مەھەل 4070 ئامېرىكا دوللىرىلىق ئۆتكەلگە يەتكەن؛ 12-ئايدا ھېسابات ئۈزىدىغان ئامېرىكىنىڭ قەرەللىك ئالتۇن باھاسى ماس قەدەمدە % 3.4 ئۆرلەپ، 4073 ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ئاياغلاشقان. بۇ، 8-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ يەككە كۈنلۈك ئۆرلەش نىسبىتى بولۇپ، شۇنداقلا ئالتۇن باھاسى 4000 ئامېرىكا دوللىرىدىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن، قولدىن كەتكەن زېمىننى تېز سۈرئەتتە قايتۇرۇۋالغان.
ئالدىنقى جۈمە كۈنى (10-ئاينىڭ 30-كۈنى)، نەق مال ئالتۇن يەنە بىر مەھەل 3869.85 دوللارغا چۈشۈپ قالغان، بۇ 2025-يىلى 10-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيە ھېسابلىندىكەن. قىسقىغىنا بىر نەچچە سودا كۈنىدە، بازار كەيپىياتى ئۈمىدسىزلىكتىن ئاكتىپلىققا تېز سۈرئەتتە ئالماشقان بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ يادرولۇق كاتالىزاتورى دەل ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلام نەتىجىسى قويۇپ بەرگەن سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي سىگنال ئىكەن. پەيشەنبە كۈنى(11-ئاينىڭ 5-كۈنى) ئاسىيا شەھىرىنىڭ دەسلەپكى سودىسىدا، نەق مال ئالتۇن تار دائىرىدە تەۋرىنىپ، نۆۋەتتە ھەر ئۇنسىيەسى 4065 دوللار بولغان.
