
ئالتۇن باھاسى 3500 ئامېرىكا دوللىرىلىق تىرەك ئورۇننى سىناپ باققان جۈمە كۈنى، كانادا ئىمپېرىيە سودا بانكىسى كاپىتال بازىرى ەتقىقات دوكلاتى ئېلان قىلىپ ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن ،ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئەڭ بالدۇر بولغاندا كېلەر يىلى 2-ئاينىڭ ئاخىرىدا 41 تىرىليون 100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق قەرز يۇقىرى چېكىگە يېتىشى مۇمكىن، ۋاشىنگتون سىياسىي سەھنىسىدە يەنە بىر قېتىم كەسكىن قەرز يۇقىرى چېكى كۈرىشى يۈز بېرىشى مۇمكىن. بۇ بانكىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سىجىل قەرز تارقىتىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مەبلەغ تەمىناتى 2028-يىللىق چوڭ سايلامنىڭ ئالدى-كەينىنى قاپلايدىكەن، پارلامېنت ئاخىرىدا قەرز يۇقىرى چېكىنى 5 تىرىليون دوللارغا يېقىن ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدىكەن. ئامېرىكىنىڭ مالىيە چىقىمى سىجىل كېڭىيىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە بولسىمۇ،بۇ كۆلەم يەنىلا كىشىنى ئىنتايىن ھەيران قالدۇرغان.
بۇ كۆزلىمىنىڭ يادرولۇق تەسىرى بازارنىڭ ئامېرىكا قەرزى ھەمدە ئامېرىكا دوللىرىلىق مۈلۈككە بولغان ئىشەنچىسىگە زەربە بېرىشتە. بۇ يىل 8-ئايدىلا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بازار ئىنكاسى كۆرۈلگەن، ئەينى چاغدا ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى قەرزنى قايتۇرۇپ سېتىۋېلىشنى كېڭەيتىش پىلانىنى يولغا قويغان، ئالتۇن ماس قەدەمدە ئۆرلەشنى كۈتۈۋالغان. بۇ سىياسەتنىڭ دەسلەپكى مەقسىتى دۆلەت قەرزى بازىرىنىڭ ئوبوروتچانلىقىنى قوغداش بولسىمۇ، لېكىن بازارغا ئامېرىكىنىڭ غايەت زور قەرز باشقۇرۇشتىكى قاتمۇقات قىيىن مەسىلىلەرنى بىۋاسىتە ھېس قىلدۇرغان، بۇ قېتىم 5 تىرىليون دوللارغا يېقىن قەرز ئېلىش سوممىسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى مالىيەنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقى خەۋپ-خەتىرىنى يەنە بىر قېتىم ئالدىغا ئىتتىرىدىكەن.
