ئالتۇن باھاسىنىڭ بۇ قېتىم چۈشۈشىنىڭ ئەڭ سىرتقى قەۋىتىدىكى ئىتتىرىش كۈچى ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچىنىڭ يۈزلىنىش گرافىكىغا ئېنىق، بىۋاسىتە يېزىلغان. بۇ ھەپتىدە ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچى ئىزچىل ئۆرلەپ، 2025-يىلى 4-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن. نيۇيوركنىڭ ئاخىرقى باھاسى 103.93 بولۇپ، بازاردا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 103.97 گە يېتىپ، 19 ئايلىق يۇقىرى ئورۇننى يېڭىلىغان. EverBank نىڭ يەر شارىۋى بازار مەسئۇلى Chris Gaffney بىر ئېغىز سۆزىدە:ئۆسۈم نىسبىتى مۆلچەرى بىلەن ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۈچىيىشى شۇ كۈنى ئالتۇن باھاسىنى تۆۋەنلىتىشتىكى ئىككى چوڭ ئامىل، دېيىلدى.
ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ھېسابلىنىدىغان ئالتۇنغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۈچلۈكلۈكى-ئاجىزلىقى ئەزەلدىن پېرېۋوت نىسبىتى سانىنىڭ داۋالغۇشى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى چەت ئەللىك سېتىۋالغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي سېتىۋېلىش تەننەرخىنى بىۋاسىتە بەلگىلەيدۇ. ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچى بىر يېرىم يىلغا يېقىن يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەندە، باشقا پۇل بىلەن ھېسابلىنىدىغان ئالتۇن پۈتۈن يەر شارىدىكى كۆپ ساندىكى سېتىۋالغۇچىلارغا نىسبەتەن تېخىمۇ قىممەتلىك بولۇپ كېتىدۇ، ئەمەلىي بۇيۇمغا بولغان ئېھتىياج ۋە مەبلەغ سېلىش ئارزۇسىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. تېخىمۇ چوڭقۇر بىر قاتلاملىق ئۆزگىرىش مەبلەغ يۆنىلىشىدە يۈز بەرگەن يەنى :يەر شارىۋى پۇل مۇئامىلە مۇھىتىنىڭ تارىيىشىغا ئەگىشىپ، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازارلار ئېغىر بولغان ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئوبوروت تالىشىشىغا دۇچ كەلدى، لاتىن ئامېرىكىسى پاي چېكى كۆرسەتكۈچى بىر كۈندە تەخمىنەن% 2 چۈشۈپ، خەتىرى يۇقىرى پۇللار مەركەزلىك تۆكمە قىلىپ سېتىلدى، مەبلەغنىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق مۈلۈككە قايتىشى ئەسلىدىنلا ئالتۇن بازىرىدىكى مارگىنال سېتىۋېلىشتىن چېكىنىپ چىققان. ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۈچلۈكلۈكى يەككە-يېگانە ۋەقە ئەمەس، ئۇ بىر يۈرۈش ماكرو باياننىڭ پېرېۋوت نىسبىتى پرويېكسىيەسى، بۇ بىر يۈرۈش باياننىڭ مەنبەسى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنى كۆرسىتىدۇ.

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.