پەيشەنبە كۈنى يەنى (11-ئاينىڭ 19-كۈنى) نەق مال ئالتۇننىڭ بىر كۈنلۈك باھاسى% 2.66 چۈشۈپ، ھەر ئۇنسىيەسى 3625.33 ئامېرىكا دوللىرىدا يېپىلغان، كۈندۈزى بىر مەھەل 3620 ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، 2025-يىلى 9-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەنى ياراتقان؛ ئامېرىكىدا 12-ئايدا راسچوت قىلىنىدىغان قەرەللىك ئالتۇن ماس قەدەمدە% 1.5 چۈشۈپ، راسچوت باھاسى 3685.50 ئامېرىكا دوللىرى بولغان. ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى يىغىن خاتىرىسى ۋە ئەمەلدارلارنىڭ ئۆسۈم قوشۇش پوزىتسىيەسى 12-ئاي ۋە كېيىنكى ئۆسۈم قوشۇشقا بولغان مۆلچەرى كۈچەيگەن، ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچى 19 ئايلىق يۇقىرى سەۋىيەنى يېڭىلاپ، ئالتۇن باھاسىنى سىجىل بېسىمغا ئۇچراتقان. جۈمە كۈنى بولسا (20-نويابىر) ئاسىيا ئەتىگەنلىك دەسلەپكى سودىىدا، نەق مال ئالتۇننىڭ چۈشۈش يۈزلىنىشى داۋاملاشقان بولۇپ، سائەت 07:40 كە قەدەر، بىر مەھەل 0.96 پىرسەنت چۈشۈپ، ئەڭ تۆۋەن بولغاندا ھەر ئۇنسىيەسى 3590.69 ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن مۇنداقچە قىلىپ ئېيتىقاندا،2025-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن بۇيانقى تۆۋەن نۇقتىنى يېڭىلىغان. ھېچقانداق ئۆسۈم پايدىسى پەيدا قىلمايدىغان ئالتۇنغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەر بىر كود ئۆسۈم قوشۇش كۆزلىمىسىنىڭ ئۆرلىشى، ئۇنى ئىلكىدە تۇتۇش پۇرسەت تەننەرخىنى بىۋاسىتە ئاشۇرۇۋېتىدىغان بولغاچقا، خەۋپ-خەتەرسىز ئامېرىكا زايومى% 5 تىن يۇقىرى ئۆسۈم بىلەن تەمىنلىيەلىگەندە، ئۆسۈمسىز ئالتۇننى ئىلكىدە تۇتۇش مالىيە جەھەتتە بارغانسېرى قىممەت تاللاشقا ئايلىنىدۇ.

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.