
جۇغراپىيەلىك توقۇنۇش نېفىت باھاسىنىڭ داۋاملىق ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولالامدۇ؟
پەيشەنبە كۈنى (11-ئاينىڭ91-كۈنى) ئاسىيا بازىرىدا، جۇغراپىيلىك ۋەزىيىتىنىڭ يەنە بىر قېتىم جىددىيلىشىشىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئامېرىكا WTI خام نېفىت باھاسى8-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتا 96.18 دوللار / باك ئەتراپىدىن ئۆرلەپ 05.28 دوللار / باك ئەتراپىغا يېتىپ، تەخمىنەن %0.3 ئۆسكەن. ئاساسلىقى ھورمۇز بوغۇزىدىكى سۇ ترانسپورتى ئۇدا زەربىگە ئۇچراپ، جۇغراپىيەلىك خەۋپ-خەتەر ئۆرلىگەن، ئەمما ئامېرىكىنىڭ خام نېفىت ئامبار زاپىسى مۆلچەردىكىدىن ئېشىپ كەتكەن، OPEC+ بىلەن رۇسىيەنىڭ تەمىناتى ئەسلىگە كىلىپ بىرلىكتە ئۈستى تەرەپتە بېسىم شەكىللەندۈرگەن؛ بۇنىڭ بىلەن نېفىت باھاسىنىڭ قايتا ئۆرلەش سىجىللىقىدا گۇمان پەيدا بولۇپ، نېفىت بازىرى ” جۇغراپىيەلىك ئورۇننى قالايمىقانلاشتۇرۇش، تەمىنلەشنى قويۇۋېتىش ” تىن ئىبارەت قوش يۆنىلىشلىك تىركىشىش ۋەزىيىتىگە پېتىپ قالغان.
جۇغراپىيلىك ۋەزىيىتىنىڭ قالايمىقانلىشىشى قىسقا مۇددەتلىك سېتىۋېلىش ئېلىپ كېلىپ، WTI خام نېفىت باھاسىنىڭ ئازراق ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولغان، ئەمما ئامېرىكىنىڭ خام نېفىت ئامبار زاپىسى مۆلچەردىكىدىن ئېشىپ كەتكەن، OPEC+ ۋە رۇسىيەنىڭ تەمىناتى ئەسلىگە كېلىپ، نېفىت باھاسىنىڭ كۆرۈنەرلىك يۇقىرى چېكىنى بېكىتكەن. ئىككى دۆلەت توقۇنۇشى ئېھتىياتچانلىق بىلەن كۈچىيىش باسقۇچىغا كىرگەن، دېڭىز قولتۇقىدىكى نۇرغۇن دۆلەت، سۇ تىرانسپورت يوللىرى خەۋپ – خەتەرگە ئۇچرىغان.
جۇغراپىيەلىك توقۇنۇش يەنىلا سەل قاراشقا بولمايدىغان ئۆرلەش خەۋپ-خەتىرى، بىراق تەمىنلەش كەڭ بولغان مۇھىتتا، ئەگەر كەڭ كۆلەملىك سۇ تىرانسپورتى تەسىرگە ئۇچرىمىسا، نېفىت باھاسىنىڭ داۋاملىق ئۆرلەش يولىنى ئېچىشى تەسكە توختايدىكەن، بازار جۇغراپىيەلىك خەۋپ-خەتەر بىلەن كەڭ ئاساسىي تەرەپ ئوتتۇرىسىدا داۋاملىق تەكرار تەۋرىنىش ھالتىنى ساقلىغان.
