‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮خام نېفىت باھاسى پەيشەنبە كۈنى ئاسىيا بازىرىدا بىر مەھەل ⁦102⁩ ئامېرىكا دوللىرى / تۇڭنىڭ ئاستىغا چۈشكەن، بازاردا ھەتتا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ⁦100⁩ ئامېرىكا دوللىرىلىق پۈتۈن سانلىق ئۆتكەلدىن چۈشۈپ كەتكەن،  لېكىن ئارقىدىن تېز سۈرئەتتە قولدىن كەتكەن يەرنى قايتۇرۇۋالغان؛‮ ھەپتىنىڭ بەشىنچى كۈنى ئەتىگەنلىك بازاردا يەنە ⁦104.70⁩ ئامېرىكا دوللىرىنى نىشان قىلغان، بۇ بازارنىڭ ” تەمىنلەش ئۈزۈلۈپ قېلىش خەۋپ-خەتىرى ” نىڭ باھاسىنى بىكار قىلمىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدىكەن.

‮خام نېفىتىنىڭ قىسقا مۇددەتلىك يادرولۇق زىددىيىتى شۇكى، جۇغراپىيەلىك خەۋپ-خەتەر سۇغۇرتا ھەققى قايتىدىن ئۆرلەپ، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۈچىيىشى، كىرا ھەققى چەكلىمىسى شەكىللىنىپ، نېفىت باھاسى ⁦102-105.55⁩ ئامېرىكا دوللىرى ئارىلىقىدا يۇقىرى سەۋىيەدە تەۋرىنىشى مۇمكىن. ‮ كېيىنكى قەدەمدە ئۈچ خىل ئۆزگەرگۈچى مىقدارغا نۇقتىلىق دىققەت قىلىش كېرەك: بىرىنچى، جۇغراپىيلىك توقۇنۇش بىلەن ھورمۇز بوغۇزى قاتناش ئەھۋالى، بۇ جۇغراپىيەلىك سۇغۇرتا ھەققىنىڭ نېفىت باھاسىنى داۋاملىق ئاشۇرالايدىغان-ئاشۇرالمايدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئاساسى ئىكەن؛ ئىككىنچى، ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچى بىلەن ئامېرىكا زايومىنىڭ پايدا نىسبىتى يۈزلىنىشى؛ ئەگەر ئامېرىكا دوللىرى ⁦102.55⁩ نى بۆسۈپ ئۆتسە، نېفىت باھاسىدا ئوشۇقچە بېسىم پەيدا قىلىدىكەن؛ ئۈچىنچى، نېفىت باھاسى  توسالغۇنى ئۈنۈملۈك بۆسۈپ ئۆتۈپ، ⁦105.55⁩ ئامېرىكا دوللىرىلىق يۇقىرى پەللىدە تۇرالامدۇ-يوق بۇ كۆپ خىل ئەندىزىنىڭ تېزلەشكەن-تېزلەشمىگەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىشنىڭ ئەڭ مۇھىم تېخنىكىلىق ئاساسى ئىكەن.‮ بۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ سانلىق مەلۇماتى، ⁦OPEC+نىڭ 11-ئايدىكى يىغىنىنىڭ كېيىنكى سىگنالى، نېفىت ئايرىش زاۋۇتىنىڭ تىجارەت نىسبىتىنىڭ ئۆزگىرىشى، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلىمىدىن كېيىنكى سىياسەت كۆزنىكىمۇ ماس قەدەمدە ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈلىدىكەن.

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.