تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى مۇنداق دېگەن:10-ئاينىڭ 28-كۈنىگە قەدەر، مەملىكەت بويىچە 2 مىليون 850 مىڭ يۈرۈش ئۆي تاپشۇرۇلدى.

ماكرولۇق ئىقتىساد جەھەتتە:

مائارىپ مىنىستىرلىقى :2027-يىلى مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر  12 مىليون 220 مىڭ كىشىگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 430 مىڭ كىشى كۆپىيىشى مۆلچەرلەندى.

دۆلەت تۆمۈريول گۇرۇھى:1-ئايدىن 10-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە تۆمۈريولدا توشۇلغان يولۇچى 3 مىليارد 710 مىليون ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن  13 پىرسەنت  ئېشىپ، يەنە تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.

ئۆي مۈلۈك جەھەتتە :

ئەنجۈكې :11-ئاينىڭ 25-كۈنىگىچە، شاڭخەي 11-ئايدا نىمكەش ئۆي سودىسىدا پۈتۈشۈش ئومۇمىي مىقدارى 10 مىڭ 514 يۈرۈشكە يېتىپ، بۇ يىلدىن بۇيانقى يەككە ئايلىق پۈتۈشۈش مىقدارىدا 10 مىڭ يۈەنلىك ئەڭ تېز رېكورت ياراتتى.

ئاكىسيە پاي چېكى جەھەتتە :

شاڭخەي ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى 337 مىليارد 9.84 نۇقتا بولۇپ،1.73 پىرسەنت تۆۋەنلەپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 762 مىليارد 884 مىليون يۈەنگە يەتكەن. شېنجېن ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى 11037.78 نۇقتا بولۇپ، 2.83 پىرسەنت تۆۋەنلەپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 1 تىرىليون 75 مىليارد 622 مىليون بولغان. ئىگىلىك تىكلەش بۆلىكى 2334.96 نۇقتىنى كۆرسىتىپ بېرىپ 3.4 پىرسەنت تۆۋەنلەپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 494 مىليارد 485 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

جىڭدۇڭ:3-پەسىللىك تىجارەت كىرىمى 260 مىليارد 390 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 5.1 پىرسەنت؛ ساپ پايدا 13 مىليارد 200 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 23.9 پىرسەنت  ئاشقان.

گاما سانلىق مەلۇماتى:10-ئايدا جۇڭگونىڭ ئويۇن بازار كىرىمى 29 مىليارد 83 مىليون يۈەن بولۇپ، سېلىشتۇرما نىسبىتى 4.10 پىرسەنت تۆۋەنلەپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 14.40 پىرسەنت ئاشقان.

پەن-تېخنىكا گېزىتى:كورېيە تەتقىقاتچىلىرى بىر خىل يېڭىلىق يارىتىشچان ماگنىتلىق بىرىكمە سۈنئىي مۇسكۇلنى تەتقىق قىلىپ چىققان بولۇپ، ئۆز ئېغىرلىقىدىن 1000 ھەسسە ئاشىدىغان كۈچىنىشكە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بولۇپ، ماشىنا ئادەم، ئەۋرىشىم ئۈسكۈنە قاتارلىقلارنى تېخىمۇ كۈچلۈك مېخانىك بىلەك بىلەن تەمىنلەيدۇ.

تاشقى پېرېۋوت جەھەتتە:

ئامېرىكا پاي چېكى جەھەتتە:داۋجىنىس كۆرسەتكۈچى 0.47 پىرسەنت، ناسداك كۆرسەتكۈچى 0.64 پىرسەنت، ئۆلچەملىك پور 500كۆرسەتكۈچى 0.59 پىرسەنت تۆۋەنلىگەن.

ياۋروپ پاي چېكى جەھەتتە:ئەنگلىيە فۇشى  100 كۆرسەتكۈچى0.51پىرسەنت، گېرمانىيە DAX 30 كۆرسەتكۈچى1.37 پىرسەنت، فىرانسىيە CAC 40 كۆرسەتكۈچى  1.32 پىرسەنت ئۆرلىگەن.

 

 

 

 

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.