سەيشەنبە كۈنى ئاسىيا ئەتىگەنلىك سودىىدا، دوللارنىڭ كۈچىيىشىنىڭ تەسىرىدە، نەق مال ئالتۇن بىر يىلدىن بۇيانقى تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ، باھاسى 3855 دوللار ئەتراپىدا بولغان. ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكىنىڭ پۇل پاخاللىقى سانلىق مەلۇماتى يەنە بىر قېتىم مۆلچەردىكىدىن ئېشىپ، بازارنىڭ ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ 12-ئايدا ئۆسۈم قوشۇشنى قايتا باشلاش سودا كەيپىياتىنى قايتا قوزغغان. كانساس شەھەرلىك بىرلەشمە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ رەئىسى سىمىد يەكشەنبە كۈنى ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، نۆۋەتتىكى پۇل پاخاللىقى سەۋىيەسى يەنىلا بەك يۇقىرى، مال باھاسىنىڭ بېسىمىنى تىزگىنلەش جەھەتتە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ يەنىلا نۇرغۇن خىزمەتلەرنى تاماملىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتقان.
يۇقىرى دەرىجىلىك مېتال ئىستراتېگىيە مەسئۇلى Peter Grant تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېگەن:ئۆتكەن ھەپتە پۇل پاخاللىقى سانلىق مەلۇماتى يۇقىرى بولۇپ، 12-ئايدىكى ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرىنى ئۆستۈردى.ئامېرىكا دوللىرى ۋە ئامېرىكا زايومى پايدا نىسبىتىنىڭ ماس قەدەمدە ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، كۆپ خىل ئامىللار بىرلىكتە بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، قىممەتلىك مېتاللارغا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەش بېسىمى ئېلىپ كەلدى. CME ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ كۆزىتىش قورالىدا كۆرسىتىلىشىچە، بازار باھاسى 12-ئايدىكى FOMC يىغىنىدا ئۆسۈم نىسبىتىنى 25 ئاساس نۇقتا ئۆستۈرۈش ئېھتىماللىقى % 95.7 كە يەتكەن، ئۆسۈم نىسبىتىنى 50 ئاساس نۇقتا ئۆستۈرۈش ئېھتىماللىقى % 4.3 بولغان. گېرمانىيە بانكىسىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، ئالتۇن ئالدىنقى ھەپتىدە 6-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ يەككە ھەپتىلىك چۈشۈش نىسبىتىگە ئېرىشىپ، پۈتۈن ھەپتىدە % 4.58 چۈشۈپ، 3884 دوللار بىلەن يېپىلغان. ئامېرىكا زايومىنىڭ ئەمەلىي پايدا نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشى، بازار ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ قىسقارتىش يولىغا قايتىدىن باھا بېكىتىشى بۇ نۆۋەتلىك ئالتۇن باھاسىنىڭ زور دەرىجىدە ئاجىزلىشىشىدىكى يادرولۇق تۈرتكە كۈچ بولغان.

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.