شىنجاڭدا پاختا يىغىش ئاساسىي جەھەتتىن ئاخىرلاشتى

11-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى خەۋەرگە قارىغاندا، 2026-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنىگىچە، پۈتۈن شىنجاڭدا پاختا يىغىش خىزمىتى ئاساسىي جەھەتتىن ئاخىرلاشقان، قەشقەر، ئاقسۇ، قىزىلسۇ ئوبلاستى قاتارلىق ئاز ساندىكى پاختا رايونلىرىدا يەنىلا ئاز مىقداردا چىگىتلىك پاختا سېتىلىۋاتقاندىن سىرت، كۆپ قىسىم پاختا رايونلىرىدا يىغىۋېلىش توختىتىلغان، 2026/27-يىللىق پاختا يىغىش، سېتىش ئالدىنقى ئىككى يىلدىكىدىن ئون كۈن ئەتراپىدا ئالدىغا سۈرۈلگەن. پايدا جەھەتتە، 2026/27-يىللىق شىمالىي شىنجاڭدا يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ كېۋەز تېرىش بويىچە ھەر مو يەرگە تەخمىنەن 2725 يۈەندىن 2925 يۈەنگىچە مەبلەغ سېلىنغان، ئۆزىدە بار بولغان تېرىلغۇ يەرگە ھەر توننا (ئوتتۇرا سان) تەخمىنەن 1525 يۈەن مەبلەغ سېلىنغان. شىمالىي شىنجاڭدىكى ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىدا چىگىتلىك پاختىنىڭ ئوتتۇرىچە سېتىلىش باھاسى كۆپىنچە ھەر كىلوگىرامىنىڭ 7.20-7.30 يۈەنگە مەركەزلەشكەن بولۇپ،گەرچە بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ھەر كىلوگىرامى بىر يۈەن ئاشقان بولسىمۇ، لېكىن مو بېشى بىرلىك ھوسۇلى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 30-80 كىلوگىرام تۆۋەنلىگەن، پەقەت بىرلىك ھوسۇلى 380 كىلوگىرام ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولغان يەرلەردىلا سېلىنما بىلەن ھوسۇل تەڭلەشكەن ياكى ئازراق پايدا ئالغىلى بولىدىكەن. شىخەنزە، سانجى قاتارلىق جايلاردىكى دېھقانلار مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:ئومۇمىي كېۋەز تېرىشنىڭ پايدىسى كۆممىقوناق، بۇغداي قاتارلىق ئاشلىق زىرائەتلىرىنىڭكىدىن ياخشى بولۇپ، پاختا بىلەن ئاشلىقنىڭ سېلىشتۇرما باھاسى «تۆۋەنلىمەي ئەكسىچە ئۆرلىدى»؛ لازا قاتارلىق ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنىڭ بازىرى بىرقەدەر كىچىك، باھا خەۋپ-خەتىرى يۇقىرى بولۇپ، كەڭ كۆلەمدە كېڭەيتىپ تېرىشقا ماس كەلمەيدۇ، شۇڭا 2027-يىلى دېھقانلارنىڭ كېۋەز تېرىش ئارزۇسى بىرقەدەر يۇقىرى بولىدۇ.

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.