چارشەنبە كۈنى ئالتۇننىڭ باھاسى ئۆرلىگەن بولسىمۇ، ئالدىنقى كۈنىدىكى قايتا ئۆرلەشنى داۋاملاشتۇرغان، ئەمما ئۆرلەش ۋەزىيىتىدە ئىشەنچ كەمچىل بولغان. يەنى تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى يۈزلىنىشنى ئويلاشقاندا، بۇ ئازدۇر-كۆپتۇر ئويلىمىغان يەردىن چىقشى بولۇپ ھېسابلىندىكەن. بۇنىڭ سەۋەبىنى ئالتۇن باھاسىنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى ئامېرىكا دوللىرى، ئامېرىكا زايومىنىڭ پايدا نىسبىتى بىلەن بولغان «بىنورمال»مۇناسىۋىتىدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلدىكەن. قائىدە بويىچە ئېيتقاندا، ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ھېسابلىنىدىغان، يەنە پايدا بىلەن تەمىنلىمەيدىغان ئالتۇن بۇ بازارلارغا قارشى يۆنىلىشتە مېڭىشى كېرەك ئىدى، لېكىن يېقىنقى مەزگىلدە ئالتۇن باھاسى ئۇلار بىلەن ئوخشاش يۆنىلىشتە داۋالغۇپ تۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل مۇسبەت باغلىنىش تېخىمۇ قىسقا ۋاقىت رامكىسى ئىچىدە بارغانسېرى روشەنلەشكەن. ئۆتكەن بەش سودا كۈنىدە،ئالتۇن باھاسى بىلەن ئامېرىكىنىڭ 10 يىللىق دۆلەت زايومى پايدا نىسبىتىنىڭ كۈندىلىك ئۆزگىرىشىنىڭ مۇسبەت باغلىنىشلىق كوئېففىتسېنتى 0.85 كە يەتكەن، ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچى بىلەن بولغان باغلىنىش كوئېففىتسېنتى 0.59 بولغان؛ پايدا نىسبىتى بىلەن بولغان باغلىنىشچانلىق ئەڭ قىسقا كۆزنەك بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغان، 20 سودا كۈنىنىڭ مۇناسىۋەتلىك كوئېففىتسېنتى 0.24، 60 سودا كۈنى بولسا-0.19 بولغان.
بۇنىڭ ئارقىسىدىكى سەۋەبكە كەلسەك، بۈگۈن 10-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئاي ئاخىرىدىكى مەبلەغ ئېقىمى رولىنى جارى قىلدۇرۇشى مۇمكىن ئىكەن. بازار ئارىسىدىمۇ خەۋەر قىلىنىشىچە، ئالتۇن باشقا مۈلۈك تۈرىدىكى زىياننى تولۇقلاش ئۈچۈن تۆكمە قىلىپ سېتىلغان بولۇپ، بۇ مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدىكى بېسىمغا ئۇچرىغان زايوم قىسقا ئورنى ۋە پەن-تېخنىكا پاي چېكىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئالتۇننىڭ ئەزەلدىن ئومۇمىي ئوبوروت ئەھۋالىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، شۇ تاپتا دوللارنىڭ ئوبوروتچانلىقى سەل قىس بولۇپ، ئۇنىڭ كۈچلۈك قايتا ئۆرلىشىگە توسقۇنلۇق قىلدى دېيىشكىمۇ بولىدۇ، بۇنى مۇشۇنداق ئويلىنىشقا ئەرزىيدىكەن.

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.