پەيشەنبە كۈنى(9-ئاينىڭ 17-كۈنى) ئاسىيا-ياۋروپا سودا ۋاقتىدا، خەلقئارا نېفىت باھاسى ئازراق تۆۋەنلەپ قايتا ئۆرلەشتەك داۋالغۇش ئەندىزىسى كۆرۈلۈپ، % 0.68 ئازراق تۆۋەنلىگەن. WTI خام نېفىت زاكاز مال سودىسى ئۇدا 101.6 ئەتراپىدا تۇرغان، كۆپ خىل تەمىنلەشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش سىگنالى مەركەزلىك قويۇپ بېرىلىشى، يۇقىرى پەللىدىكى نېفىت باھاسىنىڭ بېسىم ئاستىدا تۆۋەنلىشىگە تۈرتكە بولغان، لېكىن جۇغراپىيەلىك ئېلىشىشدىكى قاتمال ھالەت، رايونلارنىڭ خەۋپ-خەتەرگە تاقابىل تۇرۇشى، يەر شارىۋى ئامبار زاپىسى تۆۋەن بولۇش قاتارلىق يادرولۇق ئۆزگەرگۈچى مىقدارلار ئۈزۈل-كېسىل تۈگىمىگەن، خام نېفىت بازىرى يەنىلا يۇقىرى پەللىدە داۋالغۇپ تۇرىدىغان سودا ئەندىزىسىنى ساقلاپ قالغان. بۇنىڭ بىلەن نېفىت باھاسى تۆۋەنلىگەن.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئىككى دۆلەتنىڭ جۇغراپىيەلىك ئېلىشىشىنىڭ پەسەيتىش سىگنالى تارقىتىپ، نېفىت باھاسى خەۋپ-خەتىرى ئۈستىدىن ئۈستەك ئېلىشنى يەنىمۇ چەكلىگەن.

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ ئاشكارا ئاكتىپ سىگنال تارقىتىپ، يەتتە ئايغا يېقىن داۋاملاشقان ئىككى دۆلەت توقۇنۇشىنىڭ «ناھايىتى تېزلا ئاخىرلىشىشىدىن ئۈمىد بار»لىقىنى بىلدۈرگەن ھەم ئىككى تەرەپنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن سۆھبەت ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يارىشىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، ئىككى دۆلەت ۋەكىللىرىنىڭ بىۋاسىتە ئۇچرىشىشنى قانات يايدۇرغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

گەرچە نۆۋەتتە ئىككى تەرەپ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ۋە ئەڭ ئاخىرقى تىنچلىق ماددىسىنى تېخى رەسمىي جاكارلىمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ، ئامېرىكا تەرەپ يېقىندا قويۇپ بەرگەن ئەڭ ئېنىق دىپلوماتىيەنى پەسەيتىش سىگنالى بولۇپ، بازارنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئومۇميۈزلۈك توقۇنۇشنىڭ كەسكىنلىشىشىگە بولغان ۋەھىمە كەيپىياتىنى زور دەرىجىدە پەسەيتتى.

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.