ئامېرىكىنىڭ 9-ئايدىكى ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ مال باھا كۆرسەتكۈچىدە تۆت يېرىم يىلدىن بۇيانقى ئەڭ زور ئېشىش نىسبىتى يارىتىلىپ، تاۋار ۋە مۇلازىمەت تەننەرخى ماس قەدەمدە ئۆرلەپ، پۇل پاخاللىقى بېسىمىنىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىدىن تېخىمۇ كەڭ ئىقتىسادىي ھالقىلارغا كېڭىيىۋاتقانلىقىنى نامايان قىلغان. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان ئىستېمالچىلارنىڭ مال باھا كۆرسەتكۈچىمۇ بېنزىن باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلىشى سەۋەبىدىن تېز ئۆرلەپ، بىر مەھەل بازارنىڭ ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ 10-ئايدا ئۆسۈم قوشۇشىغا بولغان مۆلچەرى زور دەرىجىدە ئاشقان. ھالبۇكى، سان فىرانسىسكو بىرلەشمە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ رەئىسى دەيلى بىلەن ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى بومان ئارقا-ئارقىدىن ئېھتىياتچانلىق سىگنالى تارقىتىپ، دەرھال ئۆسۈم قوشۇش ھەرىكىتى قوللىنىشنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى ئېنىق بىلدۈرگەن، بۇ، بازار كەيپىياتىنى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرتكەن.چىكاگو سودا ئورنىنىڭ Fed Watch قورالىدا كۆرسىتىلىشىچە، سودىگەرلەر نۆۋەتتە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش ئېھتىماللىقىنىڭ ئاران% 29 ئىكەنلىكىنى، ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆزگەرتمەسلىك ئېھتىماللىقىنىڭ% 73 ئەتراپىغا ئۆرلەيدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن.

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.