2017-يىلى 4-ئاينىڭ25-كۈنىدىكى نېفىت سودا تەھلىلى

xayida 2017-04-25 11:01:39

\

ئاساسىي ئانالىز

دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا 6-ئايلىق WTI قەرەللىك نېفىت باھاسى 0.39 دوللار تۆۋەنلەپ ،49.23 دوللار/باك بولدى . برېنىت 6-ئايلىق قەرەللىك نېفىت باھاسى 0.36 دوللار تۆۋەنلەپ ،51.60 دوللار/باك بولدى.بۈگۈن رۇسىيە نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنى چەكلەش كېلىشىم يۈرگۈزۈلۈش مۇددىتىنى ئۇزارتىش پىلانىنىڭ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقى توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈرۈپ ، نېفىت بازىرىدا ئەندىشە كەيپىياتى ھاسىل قىلدى ، ھەم رۇسىيە نېفىت مەھسۇلات مىقدارى ئېشىپ ، نېفىت بىلەن تەمىنلەش بازار ئېھتىياجدىن ئېشىپ كېتىش مەسىلىسىنى كۈچەيتتى ، بىراق دوللار باھاسىنىڭ تەۋرىنىش ئۆزلۈكسىز ئاجىز بولۇپ ، يەنىلا نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈش بوشلۇقىنى چەكلەپ قويدى . ئامېرىكا WTI قەرەللىك نېفىت باھاسى تۆۋەن باھا 49.03 دوللار/باك بولدى ، برېنىت قەرەللىك نېفىت باھاسى تۆۋەن باھا 51.96 دوللار/باك بولدى .

مەشغۇلات باسقۇچى

1.دۈشەنبە كۈنى نېفىت باھاسىنىڭ بىر كۈنلۈك تەۋرىنىشى 50.22-49.03 دوللارئارىلىقىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى ، ئاسىيا بازىرىدا بىز نېفىتنى 50.20-50.50 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئېلىش تەكلىپىنى بەرگەن ئىدۇق ،بىز نېفىتنى ياۋرۇپا بازىرىدا 50.15 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئالدۇق ، كەچلىك ئامېرىكا بازىرى ئېچىلغاندا بىز نېفىت چۈشۈش مېلىمىزنىڭ بىر قىسمىنى 49.5 ئەتراپىدا ، يەنە بىر قىسمىنى 49 ئەتراپىدا قولدىن چىقاردۇق ، بۇ سودا تەھلىلى بۇيىچە سودا قىلغان بولساق1.15 دوللار ئەتراپىدا پايدا شەكىللەندى ، ھەمدە بىز كەچلىك ئامېرىكا بازىرىدا نېفىتنى 49-49.2 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئېلىپ ، پايدىسىنى سەيشەنبە كۈندىكى ئاسىيا بازىرىدا 49.5 ئەتراپىدا قولدىن چىقاردۇق ، بۇ سودا تەھلىلدىن 0.5 دوللار ئەتراپىدا پايدا شەكىللەندى ، ئومۇمەن نېفىت سودىسى تەھلىل ئىچىدە ئېلىپ بېرىلدى .

2.بۈگۈن نېفىتنى سودا قىلغاندا تۆۋەن باھادىن ئۆسۈشكە ، يۇقىرى باھادىن چۈشۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلىمىز . قالغان تەپسىلىي سودا مەشغۇلاتى ھەر قايسى qq vip توپلىرىغا يوللىنىدۇ.

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار
50

مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ .

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.