فرانسىيە سايلىمىدىن كېيىن ئالتۇن باھاسى قانداق بولىدۇ؟

gulbostan 2017-04-25 11:01:11

\

فرانسىيە Natixis بانكىسىنىڭ قىممەتلىك مىتال ئانالىزچىسى بېرنارد دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان دوكىلاتتا، فرانسىيە چوڭ سايلىمى 1-ئايلانما بېلەت تاشلاش باسقۇچىنىڭ ئاياقلىشىشىغا ئەگىشىپ، نەتىجە مۆلچەردىكىگەن بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومېتىتى يەنىلا ئالتۇن باھاسى يۈزلىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەڭ چوڭ ئامىل، دېگەن.

بېرنارد: بىز كەلگۈسى ئىككى ئايدا، ئالتۇن باھاسى يۈزلىنىشىگە تەسىرى قىلىشى مۇمكىن بولغىنى يەنىلا ئامېرىكا فېدېراتسىيە بانكىسىنىڭ ئۆسۈم ئۆستۈرىشى، دەپ قارايمىز، ئۆسۈم ئۆستۈرۈشنىڭ ئېھتىماللىقى نۆۋەتتە %66. مەلۇم دەرىجىدە، بۇ ئۆسۈم ئۆستۈرۈش مۆلچەرى بازاردا ئەكىس ئەتتى، ئەمما ھازىر بىز فرانسىيە چوڭ سايلىمىغا قايتا كۆڭۈل بۆلمىسەكمۇ بولىدۇ، غەربنىڭ ئالتۇنغا مەبلەغ سالغۇچىلىرى ئۆسۈم ئۆستۈرۈشكە بەكراق كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىغان بولىشى مۇمكىن، دېگەن.

بازار فرانسىيەنىڭ سايلام نەتىجىسىدىن ھېچقانداق ھەيرانلىق ھېس قىلمىدى، سايلامنىڭ ئالتۇن باھاسىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قارىتا ھېچقانداق ياخشى تەسىرى بولمىدى، ئۇچۇر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئالتۇن باھاسى %1.1 چۈشتى، نىيويورك سودا بىرژىسىدا 6-ئايلىق قەرەللىك ئالتۇن باھاسى 14.50 دوللار چۈشۈپ، 1274.60 دوللاردا بازار يېپىلدى.

Natixis بانكىسى 2017-يىلى ئالتۇن ئوتتۇرچە باھاسى 1150 دوللار بولىدۇ، باھا رايونى 1040 دىن 1060 ئارىسىدا بولىدۇ، 2018-يىلى ئوتتۇرچە 1070 دوللار بولىدۇ، دەپ مۆلچەرلىگەن.

ئەسكەرتىش:مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۆچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.