ئەتىگەنلىك بازار زاكاز مال مۇھىم خەۋەرلەر

ilkan_1 2024-04-30 11:13:01

\

1. گوۋۇيۈەن تاموژنا بېجى نىزامى كومىتېتى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن : گوۋۇيۈەننىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، گوۋۇيۈەن تاموژنا بېجى نىزامى كومىتېتى ئامېرىكىدىن ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجى قوشۇپ ئېلىنىدىغان تاۋارلارنىڭ 14-قېتىملىق مۇددىتىنى ئۇزارتىش تىزىملىكىنى ئېلان قىلىپ، ئالاقىدار تاۋارلارنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىپ، 2024-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2024-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە، ئامېرىكىنىڭ 301 تەدبىرىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن قوشۇپ ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجىنى داۋاملىق قوشمايدۇ، گوۋۇيۈەن تاموژنا بېجى نىزامى كومىتېتى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن : گوۋۇيۈەننىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، گوۋۇيۈەن تاموژنا بېجى نىزامى كومىتېتى ئامېرىكىدىن ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجى قوشۇپ ئېلىنىدىغان تاۋارلارنىڭ 14-قېتىملىق مۇددىتىنى ئۇزارتىش تىزىملىكىنى ئېلان قىلىپ، ئالاقىدار تاۋارلارنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىپ، 2024-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2024-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە، ئامېرىكىنىڭ 301 تەدبىرىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن قوشۇپ ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجىنى داۋاملىق قوشمايدۇ.
2. ئالدىنقى مەزگىلدە ئىپادىلەنگىنى، 4-ئاينىڭ 29-كۈنى، يىغىپ توشۇش كۆرسەتكۈچى ( ياۋروپا لىنىيەسى ) زاكاز مال تۇنجى توختامى EC2404 ئوڭۇشلۇق تاماملانغان ، مال تاپشۇرۇش راسچوت باھاسى 2152.8 نۇقتا، مال تاپشۇرۇش مىقدارى 1640 قول، مال تاپشۇرۇش سوممىسى 177 مىليون يۈەن. بۇنىڭ بىلەن يىغىپ توشۇش كۆرسەتكۈچى ( ياۋروپا لىنىيەسى ) زاكاز مېلى ۋىۋىسكا ئېسىپ بازارغا سېلىش، سودىلىشىش، راسچوت قىلىش، ھېساب ئۈزۈش قاتارلىق مۇكەممەل تەرتىپلەر تاماملىنىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشقا پۇختا ئاساس سېلىنغان .
3. شاڭخەي سۇ تىرانسپورتى سودا ئورنىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 2024-يىل 4-ئاينىڭ 29-كۈنىگىچە، شاڭخەينىڭ ئېكسپورت كونتېينېر راسچوت باھا كۆرسەتكۈچى ( ياۋروپا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ) 2175.94 نۇقتا بولۇپ، ئالدىنقى مەزگىلدىكىدىن %1.9 ئۆرلىگەن.
4. دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى ئۇنىۋېرسال مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاخبارات باياناتچىسى جاڭ شىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن : بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئىستېمالى داۋاملىق تېز سۈرئەتتە ئېشىپ، 1-پەسىلدە پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارى 2 تىرىليون 340 مىليارد كىلوۋات سائەتكە يەتكەن . مۆلچەرلىنىشچە، بۇ يىل ياز مەزگىلىدە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ توك ئىشلىتىش يۈكى يەنە تېز سۈرئەتتە ئېشىپ، ئەڭ يۇقىرى توك مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 100 مىليون كىلوۋاتتىن ئېشىپ، توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش بەلگىلىك بېسىمغا دۇچ كېلىدىكەن.
5. پولات-تۆمۈر ئائىلىسى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن : تۈنۈگۈن شىمالىي جۇڭگو، شەرقىي جۇڭگو قاتارلىق جايلاردىكى كوكس كارخانىلىرى 4-قېتىملىق باھانى 100 يۈەندىن 110 يۈەنگىچە ئۆستۈردى، 1-ماي ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلغان ، ھازىر پولات زاۋۇتلىرى قوبۇل قىلدى، مۆلچەرلىنىشىچە بۈگۈن ۋە ئەتە ئارقا-ئارقىدىن ئەمەلىيلىشىدىكەن.
6. Mysteel غا ئاساسلانغاندا، ئاۋسترالىيە برازىلىيە تۆمۈر كېنىنىڭ توشۇش ئومۇمىي مىقدارى 25 مىليون 975 مىڭ توننىغا يېتىپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن 1 مىليون 416 مىڭ توننا ئاشقان. ئاۋسترالىيەنىڭ توشۇش مىقدارى 19 مىليون 62 مىڭ توننىغا يېتىپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن 765 مىڭ توننا ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە ئاۋسترالىيەنىڭ جۇڭگوغا توشۇش مىقدارى 15 مىليون 844 مىڭ توننا بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن 209 مىڭ توننا ئازايغان.
7. جۇڭگو پولات-تۆمۈر سانائىتى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لو تيېجۈن مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن : كەلگۈسى بىر مەزگىلدە، ئېلىمىزنىڭ پولات-تۆمۈرگە بولغان ئېھتىياجى يەنىلا يۇقىرى بولىدۇ. يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان پولات تاۋلاش ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ %27 ى توك ئوچاق بولۇپ، جەمئىي 110 مىليون توننا ئەتراپىدا بولىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، 2035-يىلى ئېلىمىزنىڭ توك پېچتا پولات ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى %30 كە يېتىدىكەن. كېيىنكى قەدەمدە پولات-تۆمۈر جەمئىيىتى دۆلەت تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق ئالاقىدار مىنىستىرلىق، كومىتېتلارغا داۋاملىق ماسلىشىپ، ساھەلەرنى «تۆمۈر بايلىقىنى ئېچىش پىلانى» نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە تەشكىللەپ، دۆلەت ئىچىدىكى تۆمۈر كان بايلىقىنى ئېچىشنى تېزلىتىدۇ.
8. جەنۇبىي يېرىم ئارال پالما مېيى پرېسلاش سودىگەرلىرى جەمئىيىتى ( SPPOMA ) نىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2024-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە مالايسىيا پالما مېيىنىڭ بىرلىك مەھسۇلاتى %5.96 ئاشقان، ماي چىقىش نىسبىتى %0.33 كېمەيگەن، مەھسۇلات مىقدارى %4.11 ئاشقان.
9. دۆلەت ئاشلىق سودا مەركىزىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتىكى بۇغداي بازىرى ۋەزىيىتى ۋە تەڭشەش-تىزگىنلەش ئېھتىياجىنى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىپ، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، 5-ئاينىڭ بېشىدىن باشلاپ شىنجاڭ رايونىدا ۋاقىتلىق زاپاس بۇغداي سودىسى ۋاقتىنچە توختىتىلىدىكەن.
10. Mysteel نىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2024-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنىگىچە، مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق رايونلاردىكى سودا زاپىسى 468 مىڭ 350 توننا بولۇپ، ئالدىنقى ھەپتىگە قارىغاندا 28 مىڭ 440 توننا ئازايغان، كېمىيىش نىسبىتى %5.72 بولغان؛ مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق رايونلاردىكى پۇرچاق مېيى ئامبار زاپىسى 840 مىڭ 800 توننىغا يېتىپ، ئالدىنقى ھەپتىدىكىدىن 1800 توننا كۆپىيىپ، ئېشىش نىسبىتى %0.21 بولغان.
11. ئامېرىكا يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى ( USDA ) سەيشەنبە كۈنى سەھەردە ئېلان قىلغان ھەر ھەپتىلىك زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 4-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە، ئامېرىكىدا دادۇر تېرىش نىسبىتى %18، بازار مۆلچەرى %17 بولغان، بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى بىر ھەپتىدە %8، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدە %16، بەش يىللىق ئوتتۇرىچە قىممەت %10 بولغان.
12. ئالدىنقى مەزگىلدە ئېلان قىلىنغان، مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق 2024-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى سودىدىن باشلاپ، قەلەي زاكاز مال SN2405، SN2406، SN2407 توختام كۈنى ئىچىدە ئادەتتىكى ئامبار سودىسىنىڭ رەسمىيەت ھەققى 18 يۈەنگە تەڭشىلىدۇ.
13. يۈەنشىڭ ئېنېرگىيە شىركىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئالشا تەبىئىي شۇلتا تۈرىنىڭ 1-قارارلىق 4-ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە سىناق خىزمىتى ئىشلىنىۋېتىپتۇ، 6-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشىدىكەن. شىركەت ئالشا تەبىئىي شۇلتا تۈرىنىڭ بىرىنچى باسقۇچلۇق ئىشلەپچىقىرىش لىنىيىسىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ساپ شۇلتا مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرىدۇ.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.