ئەتىگەنلىك بازار زاكاز مال مۇھىم خەۋەرلەر

ilkan_3 2024-05-20 13:39:55

\

ئەتىگەنلىك بازار زاكاس مال مۇھىم خەۋەرلەر

1. جۇڭگو خەلق بانكىسى شەخسلەر تۇرالغۇ جامائەت فوندى قەرز پۇلىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلغان؛ 2024 يىلى 5 -ئاينىڭ 18 -كۈنىدىن باشلاپ، شەخسلەر تۇرالغۇ جامائەت فوندى قەرز پۇلىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى 0.25 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىتىلىدىكەن؛

2. دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2024-يىلى 4-ئايدا، جۇڭگونىڭ يىرىك پولات مەھسۇلات مىقدارى 85 مىليون 940 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.2 تۆۋەنلىگەن؛ چويۇن مەھسۇلات مىقدارى 71 مىليون 630 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8 تۆۋەنلىگەن؛

3. Mysteel تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان 247 پولات زاۋۇتىنىڭ دومنا پېچ ئىش باشلاش نىسبىتى %81.5 ئالدىنقى ھەپتىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئوخشاش بولغان؛ كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2 مىليون 368 مىڭ 900 توننا تۆمۈر ئېرىتمىسى ئىشلەپچىقىرىلىپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن 23 مىڭ 900 توننا ئاشقان، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 24 مىڭ 700 توننا ئازايغان.

4. خەلق بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تاۋ لىڭ 17-ماي گوۋۇيۈەننىڭ سىياسەتتىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: مەركىزىي بانكا 300 مىليارد يۈەن كاپالەتلىك تۇرالغۇ تەكرار قەرز پۇلى تەسىس قىلىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ بانكا قەرزىنىڭ 500 مىليارد يۈەنگە يېتىشىگە تۈرتكە بولىدىكەن؛

5. پولات كۈمۈش ئېلېكتىرونلۇق سودا سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 5 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنىگىچە، مەملىكەت بويىچە پولات تۆمۈر شەھەرلىرىنىڭ ئومۇمىي ئامبار زاپىسى 11 مىليون 399 مىڭ 200 توننا بولۇپ، ئالدىنقى ھەپتىدىكىدىن 439 مىڭ 100 توننا (%3.71) ئازايغان؛

6. Wind سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 5-ئاينىڭ 17-كۈنىگىچە بولغان بىر ھەپتىدە، ئۆزى كۆپەيتىپ، ئۆزى باقىدىغان چوشقا باقمىچىلىقىنىڭ زىينى 15.21 يۈەن بولغان؛ 5- ئاينىڭ 10- كۈنى زىيان 43.97 يۈەن بولغان.

7. كانادا دانلىق زىرائەت كومىتېتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 5-ئاينىڭ 12-كۈنىگىچە بولغان بىر ھەپتىدە، كانادانىڭ قىچا ئېكىسپورت مىقدارى ئالدىنقى ھەپتىدىكىدىن %82.3 ئېشىپ، 322 مىڭ 800 توننىغا يەتكەن، ئالدىنقى بىر ھەپتىدە 177 مىڭ 100 توننا ئىكەن؛

8. ھىندىستان خام پالما مېيىنىڭ ئۆلچەملىك ئىمپورت باھاسىنى 892 دوللار/توننا قىلىپ بېكىتكەن، پۇرچاق يېغىنىڭ ئۆلچەملىك ئىمپورت باھاسى ھەر توننىسى 935 دوللار قىلىپ بېكىتىلگەن.

9. لوڭجۇڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 5-ئاينىڭ 16-كۈنىگىچە بولغان بىر ھەپتىدە، جۇڭگو فېنىل زاۋۇتىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 300 مىڭ 800 توننا بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن 6 مىڭ توننا ئازايغان، تۆۋەنلەش نىسبىتى %1.96 بولغان؛

10. دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسى 4-ئايدا پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارى قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلغان، 4-ئايدا، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئىشلىتىلگەن توك مىقدارى 741 مىليارد 200 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7 ئاشقان؛

11. ئالدىنقى قەرەللىك مال بازىرى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 2024 يىلى 5- ئاينىڭ 21- كۈنىدىكى سودا (يەنى 5 ئاينىڭ 20 كۈنى كەچتىكى سودا) دىن باشلاپ، قەلەي قەرەللىك مال SN 2406، SN 2407 توختاملىرىنىڭ كۈندىلىك سودا ھەققى 36 يۈەن/قولغا تەڭشەلگەن؛

12. Mysteel نىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 45 پورتتىن ئىمپورت قىلىنغان تۆمۈر رۇدىسىنىڭ ئامبار زاپىسى 148 مىليون 57 مىڭ 900 توننا بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن 1 مىليون 305 مىڭ 600 توننا ئاشقان.

13. ئىران زۇڭتۇڭى لېيشى ئولتۇرغان تىك ئۇچار ئايرۇپىلاندا قاتتىق قونۇش ھادىسىسى يۈز بەرگەن (دەسلەپكى سەۋەپتىن تۇمانلىق ھاۋارايى كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ ھۆكۈم قىلىندى)؛

14. دۇنيادىكى ئۈچىنچى چوڭ يۈك ساندۇقى توشۇش شىركىتى فىرانسىيە دافېي دېڭىز تىرانسىپورت شىركىتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، يېڭى پاراخوتلارنىڭ يەتكۈزۈلۈش سۈرئىتىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، يەر شارى دېڭىز ترانسىپورت كۈچى ئاشۇرۇلىدىكەن، دېڭىز تىرانسىپورتىنىڭ توشۇش ھەققى كەلگۈسىدە تۆۋەنلىشى مۇمكىن ئىكەن؛

15. جۇڭگو خەلق بانكىسى سودا خارەكتىرلىك شەخسلەر تۇرالغۇ قەرز پۇلىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى تەڭشەش سىياسىتىنى ئېلان قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە تىلغا ئېلىنغان، مەملىكەت بويىچە تۇنجى يۈرۈش ئۆي ۋە ئىككىنچى يۈرۈش ئۆينىڭ سودا خاراكتېرلىك شەخسىي تۇرالغۇ قەرز پۇل ئۆسۈم نىسبىتى سىياسىتىنىڭ تۆۋەن چېكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىكەن؛

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.