2017-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى ئالتۇن سودا تەھلىلى

zumrat 2017-04-25 10:58:10

\

ئاساسىي ئانالىز

خەلقئارالىق ئالتۇن باھاسى سەيشەنبە (4.ئاينىڭ 25.كۈنى)ئاسىيا بازىرىدا 1275دوللار ئەتراپىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى.دۈشەنبە كۈنى بازاردىكى قىزىق نوقتا بولغان فرانسىيە چوڭ سايلىمىدا سايلام نامزاتى تۇنجى قېتىملىق بىلەت تاشلاشتا يېڭىپ چىقىپ ،بازاردا خەۋپ پەيدا قىلىپ پۇتۇن دۇنيادىكى پايچېكى چوڭ دەرىجدە ئۆسۈپ ئالتۇن باھاسى شۇ كۈنى %1 ئەتراپىدا تۆۋەنلەپ 1265دوللارغا چۈشۈپ ،ئىككى ھەپتىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نوقتىغا كەلگەن.سەيشەنبە كۈنى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بۇلىدىغنى كەچ تەرەپتىكى ئامېرىكا يېڭى تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش ئەھۋالى ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ ئىشەنچىسى قاتارلىق ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتلار ئىپادىسى؛

مەشغۇلات باسقۇچى

1 . دۈشەنبە كۈنى ئالتۇن باھاسىنىڭ بىر كۈنلۈك تەۋرىنىشى 1265.5-1277.7 دوللار ئارىلىقىدا بولدى، بىز تۈنۈگۈن ياۋرۇپا بازىرىدىكى تەھلىلدە ئالتۇننى 1275-1272 دوللار ئەتراپىدىكى باھالاردىن چۈشۈشكە ئالىمىز دېگەن ئىدۇق، بۇ مالنىڭ پايدىسىنى 1266 دوللار ئەتراپىدا چىقىرىشقا پۇرسەت بەردى، كەچلىكى ئامېرىكا بازىرى ۋاقتىدا يەنە 1272-1275 دوللار ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئالىمىز دېگەن ئىدۇق، لېكىن بۇ مالنى پايدا رايونىدا چىقىرىشقا پۇرسەت بەرمىدى، زىيان بەلگىلىگەنلەر بولسا 1278 دوللاردا زىيانغا چىقىپ كەتتى . ئەگەر مۇشۇ تەھلىل بويىچە سودا قىلغان بولساق 6 دوللارغىچە پايدا، 3-6 دوللارغىچە زىيان بولغان بولىدۇ.

2. بۈگۈن ئالتۇننى سودا قىلغاندا ئاۋال ئۈسۈشكە ئېلىپ، كېيىن چۈشۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلىمىز.

3. ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى VIP توپىغا يوللىنىدۇ؛

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار
1265
مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.