پاختا توقۇلما بۇيۇملار ئەتىگەنلىك گېزىتى

ilkan_1 2024-05-17 12:09:51





\



دۆلەتنىڭ پاختا بازىرىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش سىستېمىسى شىنجاڭنىڭ ۋۇجياچۈ شەھىرى، قۇتۇبى ناھىيىسى، ماناس ناھىيىسىگە بېرىپ كېۋەزنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. شۇ جايدىكى پاختا سېتىۋېلىش كارخانىلىرىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، بۇ يىل ئەتىيازلىق تېرىلغۇ باشلانغاندىن بۇيان، شۇ جاينىڭ ھاۋاسى ئوچۇق بولۇپ، كېۋەز ياخشى ئۆسكەن، پاختىكارلار يېڭى يىللىق پاختا مەھسۇلاتىغا تولۇق ئىشەنچ باغلىغان. بۇ يىل 4-ئايدا ئەتىيازلىق تېرىلغۇ باشلانغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كېلىماتى كېۋەزنىڭ ئۆسۈشىگە ماس كەلدى، بۇ يىل جۇغلانما تېمپېراتۇرا بۇلتۇرقىدىن 2 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا ئۆرلىدى، كېۋەز مايسىلىرىنىڭ ئۆسۈشى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ، بۇ يىل چىگىتلىك پاختىنىڭ مو بېشى مەھسۇلاتى 400 كىلوگىرامدىن ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10 ئەتراپىدا ئېشىشى مۆلچەرلەنمەكتە. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىنغان رايونلارنىڭ كېۋەز تېرىش تەننەرخى ھەر موسىنىڭ 3000 يۈەن ئەتراپىدا بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە يەر ئىجارىسى تەننەرخى ۋە بۇيۇملاشقان تەننەرخى ھەر موسىنىڭ 1500 يۈەن ئەتراپىدا بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن سەل ئاشقان، ئوخشاش بولمىغان يەرلەرنىڭ مەھسۇلات مىقدارى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، ئىجارە ھەققىدىمۇ بەلگىلىك پەرق بولغان. شۇ جايدىكى كۆپ قىسىم پاختىكارلار كېۋەز تېرىش كىرىمىنىڭ مۇقىم بولۇشى قاتارلىق ئامىللاردىن پايدىلىنىپ، داۋاملىق كېۋەز تېرىدى. ئەمما بەزى پاختىكارلار ئاشلىق ۋە باشقا زىرائەتلەرنى تېرىغاچقا، شۇ جاينىڭ كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئازىيىپ كەتتى. قۇتۇبى ناھىيەسىدىكى بىر پاختا پىششىقلاش كارخانىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كېۋەز تېرىش كۆلىمىنىڭ ئازىيىشى، ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش ئىقتىدارىنىڭ ئېشىشى، تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنىڭ ئۆسۈشى، نۆۋەتتىكى ھاۋا رايى ۋە كېۋەزنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى قاتارلىق ئامىللارنى ئۇنىۋېرسال ئويلاشقاندا، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پاختا مەھسۇلات مىقدارىنىڭ 5 مىليون 500 مىڭ توننىدىن ئېشىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.