تۇرپان يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە باشلامچى بولدى

ilkan_5 2024-07-26 16:16:52

\


يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى يار بازىرى يېڭىشەھەر بۆلەك رايونى يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتى پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق كەسىپلەرنىڭ كۆپ مەنبەلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، «ئىشىك ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش» ھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، 1-، 2-، 3-كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپ تەرەققىياتىنى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدۈردى، يېزا-كەنتلەرنىڭ قىياپىتى كۈندىن-كۈنگە يېڭىلىنىپ، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشى كۈندىن-كۈنگە ياخشىلىنىپ، يىراق-يېقىنغا داڭلىق «يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئۈلگىلىك كەنت»كە ئايلاندى. 2023-يىلى كەنتتىكىلەرنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 23 مىڭ يۈەنگە يەتتى، كەنت كوللېكتىپىنىڭ كىرىمى 500 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.