11 ئىش ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ خارابلىشىۋاتقانلىنى ئىسپاتلايدۇ

gulbostan 2017-04-25 11:41:31

\


11 ئىش ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ خارابلىشىۋاتقانلىنى ئىسپاتلايدۇ

ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئەڭ ئاخىرى قايسى يۆنىلىشكە قاراپ مېڭىشىدا تالاش-تارتىش مەۋجۇت، ئەمما ھەربىر كىشى چوقۇم ئىتراپ قىلىدىغىنى بولسا 2017-يىللىق ئىقتىساد ئالدىنقى يىلدىكىدىن كۆپ ناچار. مۆلچەردە ئامېرىكىنىڭ بىرىنچى پەسىللىك ئىقتىسادى نۆل ئېشىشقا يېقىنلىشىدۇ، نەچچە مىڭلىغان پارچە سېتىش دۇكىنى ھازىر تاقىلىۋاتىدۇ، زاۋۇتلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى تۆۋەنلىدى، ئاشخانا كەسپى ۋە ماشىنا ياساش شىركىتى قىيىنچىلىق قاينىمىغا پېتىپ قالدى. ئىقتىسادى پائالىيەتنىڭ ئاستىلىشىغا ئەگىشىپ، سودا-سانائەت ۋە ئىستىمالچىلارنىڭ ۋەيران بولۇشى ئالدىنقى قېتىملىق پۇل-مۇئامىلە كىرزىسىدىن بۇيان بىز تېخى كۆرمىگەن سۈرئەتتە ئېشىۋاتىدۇ. سىز كۆرىۋاتقان ھەربىر جاينىڭ 2008-يىلىدىكى بىلەن ئوخشاشلىقى بار، ئەمما كۆپ ساندىكى كىشى ھازىر يۈز بېرىۋاتقان بارلىق ئىشلارنى رەت قىلىدىغادەك قىلىدۇ.

"تۈگىشىش رىتىمى"؟ 11 ئىش ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ خارابلىشىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

تۆۋەندىكى 11 ئىش 2017-يىلىدىكى ئامېرىكا ئىقتىسادى يۈزلىنىشىنىڭ 2016-يىلىدىكىدىنمۇ تېخىمۇ ناچار ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ:

1. مۆلچەرگە ئاساسلانغاندا، 2017-يىلى ئامېرىكىدا 8000 دىن ئارتۇق پارچە سېتىش دۇكىنى تاقىلىدىكەن، بۇ 2008-يىلى كىشلەر كۆرگەن 6163 تاقالغان دۇكاننىڭ تاقىلىش يۇقىرى دولقۇنىدىن كۆپ ئېشىپ كېتىدۇ.

2. بۇيىلدىن بۇيان، ۋەيرانبولۇشنى ئىلتىماس قىلغان پارچە سېتىش دۇكىنى سانى ئاللىقاچان 2016-يىلى پۈتۈن يىلدىكىنىڭ ئومۇمى يىغىندىسىدىن ئېشىپ كەتتى.

3. بۇ يىلدىن بۇيان، ئامېرىكىدا 49 مىليون كىۋادرات ئېنگىلىز چىسى كۆلەمدىكى پارچە سېتىش بوشلۇقى تاقىلىپ بولدى. مۇشۇ سۈرئەت بويىچە بولغاندا، بۇ يىل يىل ئاخىرىغىچە 147 مىليون كىۋادرات ئېنگىلىز چىسى كۆلەمدىكى پارچە سېتىش بوشلۇقى تاقىلىدۇ، بۇ 2001-يىلى تارقالغان 115مىليون كىۋادرات ئېنگىلىز چىسى تارىخى رېكورتىنى بۇزىۋېتىدۇ.

4. ئاتلانتا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومېتىتىنىڭ گ د پ مودېلى 2017-يىلى بىرىنچى پەسىلدە ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى ئېشىشى ئاران %0.5 بولىدۇ دەپ مۆلچەرلىگەن. ناۋادا بۇ يىل قالغان ۋاقىتتا داۋاملىق مۇشۇ سۈرئەتنى ساقلاپ قالسا، بۇ ئامېرىكىنىڭ ئالدىنقى قېتىملىق ئىقتىسادى چېكىنىشىدىن بۇيانقى ئىقتىساد ئېشىشى ئەڭ ئاستىلىغان بىر يىلى بولىدۇ.

5. ئالدىنقى قېتىملىق ئىقتىسادى چېكىنىشدىن بۇيان، ئاشخانا كەسپى ئىنتايىن جاپالىق تەرەققىياتنى بېشىدىن كەچۈردى، ئەسكىچە 3-ئايدىكى ئەھۋال داۋاملىق ناچارلاشتى.

6. ئامېرىكا زاۋۇتلىرىنىڭ 3-ئايلىق ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى ئىككى يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتىن بۇيان ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئاستىلىدى.

7. ئامېرىكا سىتاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ھەر بەش ئامېرىكا ئائىلىسىدە پەقەت بىر كىشى ئىشقا ئورۇنلاشقان.

8. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كىرىمى ئالدىنقى قېتىملىق ئىقتىسادى كىرزىستىن بۇيان ئەڭ چوڭ دەرىجىدە تۆۋەنلىدى.

9. بارلىق چوڭ تىپلىق ماشىنا ياساش شىركىتى 3-ئايلىق سېتىش دوكىلاتى كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈردى، سېتىش شىركىتىنىڭ ئىسكىلات زاپىسى ھازىر ئالدىنقى قېتىملىق ئىقتىسادى چېكىنىشتىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە ئۆرلىدى.

10. نىمكەش ماشىنا باھاسى شىددەتلىك چۈشۈپ كەتتى، ئىككىلەمچى ماشىنا قەرزى زىيىنى ئالدىنقى قېتىملىق ئىقتىسادى چېكىنىشتىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى.

11. ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھەر ئون ئامېرىكىلىق ئىچىدە، ئالتە ئادەم 500 دوللارلىق جىددىي چىقىمغا تاقابىل تۇرىدىغان يېتەرلىك پۇل ئامانىتى قويمىغان.



ئەسكەرتىش:مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۆچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.