تارىختىكى ئالتۇنغا مەبلەغ سېلىشنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى

gulbostan 2017-04-25 12:03:33


40 يىللىق تارىخ ئالتۇنغا بۇنداق مەبلەغ سېلىشنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى

يىل بېشىدىن بۇيان، ئالتۇن باھاسى %12 ئۆستى، ئەمما بۇ ئانچە ئاز كۆرۈلمەيدۇ. 2016-يىلى ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئالتۇن باھاسى ئىپادىسى كۈچلۈك بولغان، ئوخشاش مەزگىلدە %18 ئۆسكەن.

ئۇنداقتا، ئالتۇن باھاسىدا پەسىل خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش مەۋجۇتمۇ؟ بۇ مەسىلىگە جاۋاب بېرىش ئۈچۈن، نوپۇزلۇق قىممەتلىك مىتال ئانالىزچىسى، Mauldin Economics نىڭ ھەمكارلىشىپ قۇرغۇچىسى ھەم باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئولىۋېر 1975-يىلىدىن بۇيانقى ئالتۇننىڭ ئىپادىسىنى ئانالىز قىلغان ھەمدە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ بۇ خىل يۈزلىنىشتىن پايدىلانسا بولىدىغانلىقىنى دەلىللىگەن.

3-4 ئاي بولسا ئالتۇننىڭ ئىپادىسى ئەڭ ناچار بولىدىغان ئاي، ھەم مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ سېتىۋېلىشقا كىرىشىنىڭ ئەڭ ياخشى پەيىتى.


\

1975-يىلىدىن بۇيانقى سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا، 3-ئاي ئالتۇننىڭ ئىپادىسى ئەڭ ناچار ئاي، كېيىنكىسى 4-ئاي ئىكەن.

سېلىشتۇرۇپ كۆرسەك، 9-ئاي ئۆتكەن 41 يىلدىن بۇيان ئالتۇننىڭ ئىپادىسى ئەڭ ياخشى ئاي بولغان. ئوخشاشلا، 9-ئاي يەنە ئۆلچەملىك پور 500 كۆرسەتكۈچىنىڭ ئىپادىسى ئەڭ ناچار ئاينىڭ بىرى ئىكەن.

سۈرەتتە كۆرسىتىلگەندەك، ئالتۇننىڭ ئىپادىسى ئەڭ ياخشى پەسىل كۆپ قىسىم ئەھۋالدا كېيىنكى يېرىم يىلدا كۆرۈلگەن.

يۇقىرىدىكى ئانالىز بويىچە، مەبلەغ سالغۇچىلار بەلكىم 3-4 ئايدىن ئىلگىرى ئالتۇننى سېتىپ چىقىرۋېتىش كېرەك ھەمدە 8-9 ئايدىن ئىلگىرى ئالتۇن سېتىۋېلىش ئەڭ ئاقىلانە قارار دەپ قارىشى مۇمكىن. لىكىن Sprott U.S. نىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى رىك بۇنداق قىلىش تەتۈر يۆنىلىشتە ماڭغانلىق، بازارنىڭ قۇربانلىقى بولۇش كېتىشى مۇمكىن، دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن.

شۇڭا ئەڭ ياخشىسى 3-4 ئاي، يەنى باھانىڭ ئەڭ تۆۋەن نۇقتىسىدا ئالتۇن سېتىۋېلىش كېرەك.

4-ئايدىن 8-ئايغىچە بولغان مەزگىلدە، ئالتۇن باھاسى ئىزچىل مۇقىم قەدەمدە ئۆسىدۇ، بۇ مەزگىل ئالتۇننى سېتىۋېتىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيىتى بولىشى مۇمكىن.

ئولىۋېر ئالتۇننىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك قىممەت ساقلاش خاسلىقىنى ئويلاشقاندا، مەبلەغ سالغۇچىلارغا كۆپلەپ تەكرار ئالتۇن سودىسى قىلماسلىقنى تەكلىپ بەرگەن، ئەمما، ناۋادا سىز قولىڭىزدىكى بىر قىسىم پاينى ھېسابلاپ كۆرسىڭىز، تۆۋەندىكى سۈرەتتە كۆرسىتىلگەن ئالتۇن باھاسىنىڭ پەسىللىك يۈزلىنىشىنى چۈشىنىش سىزگە ئىنتايىن پايدىلىق بولىشى مۇمكىن.

ئەتىيازدا سېتىۋېلىش، كۈزدە سېتىۋېتىش


\


ناۋادا سىز دەل 4-ئاينىڭ 1-كۈنى ئادەم ئالداش بايرىمىدا ئالتۇن سېتىۋالغان بولسىڭىز ھەمدە 10-ئاينىڭ 31-كۈنى پەرىشتىلەر بايرىمىدا سېتىپ چىقىرۋەتسىڭىز، 1975-يىلىدىن بۇيانقى تارىخى سانلىق مەلۇماتقا ئاساسەن، سىز ئېرىشىدىغان ئوتتۇرچە پايدا %4.6 بولىدۇ.

گەرچە ئولىۋېر مەبلەغ سالغۇچىلار چوقۇم يەتتە ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت ئالتۇن ساقلىشى كېرەك دەپ قارىغان بولسىمۇ، ئەمما، ناۋادا يۇقىرىدىكى ئەندىزىدە ئېيتىلغاندەك بولسا، بۇ يىل ئالتۇننىڭ باھا يۈزلىنىش قانۇنىيىتى قايتا تەكرارلىنىدۇ.

تۆۋەندىكى سۈرەت بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلايدۇ.

\

بۇ يىل 2-پەسىلدىكى ئالتۇننىڭ ئىپادىسى 1975-يىلىدىن بۇيان ئەڭ ناچار بولدى. ئۆتكەن 41 يىلدا، 2-پەسىلدىكى پايدا نىسبىتى ئاساسەن تەڭلەشتى. يەنە بىر جەھەتتىن، 2- پەسىلدىكى ئالتۇننىڭ ئىپادىسى ئەڭ ياخشى بولدى، ئالتۇن باھاسى 4-پەسىلدىكىدىن ئوتتۇرچە %40 يۇقىرى بولدى.

ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆتكەن 41 يىلدىكى ئىپادىسىدە كۆرۈلگەن پەسىل خاراكتىرلىك يۈزلىنىشنى ئويلاشقاندا، مەبلەغ سالغۇچىلار بۇ نۇقتىدىن قانداق پايدىلانسا 2017-يىلى پايدىغا ئېرىشەلەيدۇ؟

ئانالىزچى ئالتۇننىڭ پەسىل خاراكتىرلىك يۈزلىنىشىنى ئويلاشقاندا، كەلگۈسى بىر قانچە ھەپتىدە، ئالتۇننىڭ سىزنىڭ مەبلەغ سېلىش گۇرۇپپىڭىزغا قوشۇلىشى پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىغان.

يىل بېشىدىن بۇيان، ئالتۇن باھاسى %12 ئۆستى، كۈمۈش باھاسى %20 ئۆستى. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، 3-ئايدا كۆپ يىللىق يۇقىرى نۇقتا رېكورتى ياراتقاندىن كېيىن،10 يىللىق مۆھلەتلىك ئامېرىكا زايومىنىڭ پايدا نىسبىتى %15 تۆۋەنلىدى. بۇنىڭدىن سىرت، ئامېرىكا سايلىمىدىن كېيىن، ئۆلچەملىك پور 500 كۆرسەتكۈچى 1-ئاينىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ ئىزچىل تەڭشىلىۋاتىدۇ.

ئەسكەرتىش:مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۆچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.