ئامېرىكا خام نېفىت باھاسى يەنىمۇ ئۆرلىشى مۇمكىن

parida 2017-09-12 14:50:17

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: سەيشەنبە كۈنى (9-ئاينىڭ 12-كۈنى) ئاسىيا بازىرىدا چۈشلۈك بازاردا ئامېرىكا قەرەللىك خام نېفىت باھاسى 48 دوللاردىن ئاشتى. Harvey قارا بورىنى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن نېفىت چەككىلەش زاۋۇتلىرى ئاستا-ئاستا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتى، نېفىت سودىگەرلىرى نۆۋەتتە Harvey قارا بورىنى ۋە Irma قارا بورىنىنىڭ نېفىت ئېھتىياجىغا كەلتۈرگەن تەسىرىنى باھالىماقتا.
ئامېرىكا خام نېفىتىنىڭ كېيىنكى بازاردىكى ئىپادىسىگە قارىتا، رېيتېر ئاگېنتلىقى كۆپ مىقدارلىق تاۋارلار مەركىزى ۋە ئىنېرگىيە تەھلىلچىسى ۋاڭ تاۋنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئامېرىكا قەرەللىك خام نېفىتىنىڭ باھاسى ئاللىبۇرن 48.01 دوللارلىق قارشىلىق كۈچى نۇقتىسىنى بۆسۈپ ئۆتكەن بولۇپ، يەنىمۇ ئۆرلەپ 48.58 ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئۆرلەپ 49.29 دوللارغا چىقىش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.