ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى چاۋشيەنگە قارىتا يېڭى بىر نۆۋەت جازا يۈرگۈزىدۇ

parida 2017-09-12 14:12:42

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دۈشەنبە كۈنى (9-ئاينىڭ 11-كۈنى) چاۋشيەننىڭ 9-ئاينىڭ 3-كۈنى ئېلىپ بارغان 6-قېتىملىق يادرو سىنىقىغا قارىتا يېڭى بىر نۆۋەتلىك جازا يۈرگۈزۈش يەنى چاۋشيەننىڭ تۇقۇلما بۇيۇملارنى ئېكسپورت قىلىشى ھەمدە خام نېفىت ئىمپورت قىلىشىنى چەكلەش توغرىسىدىكى قارارى بىردەك ماقۇللۇقتىن ئۆتتى. بۇ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2006-يىلىدىن بۇيان چاۋشيەننىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە يادرو تۈرىگە قارىتا 9-قېتىم جازا يۈرگۈزۈشى ھېسابلىنىدۇ.

\

چاۋشيەن مەركىزىي ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ دۈشەنبە كۈنىدىكى باياناتىغا قارىغاندا، كىم جۇڭئۇن ئامېرىكىنىڭ ھەربىر ھەركىتىگە دىققەت قىلىۋاتقان بولۇپ، ئەگەر ئامېرىكا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە بۇ نامۇۋاپىق جازالاش قارارىنى يەنىمۇ ئېغىرلىتىشنى مۇراجىئەت قىلسا، ئۇنداقتا چاۋشيەن ئامېرىكىغا جەزمەن ئېغىر بەدەل تۆلەتكۈزىدىكەن.
چاۋشيەن ئاگاھلاندۇرۇش چىقارغان پەيتتە، ئامېرىكا دۈشەنبە كۈنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە چاۋشيەننى جازالاش دەرىجىسىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا بىر پارچە قارار لايىھەسى تاپشۇرغان. ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بىر نەپەر تاشقى ئىشلار ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا جازالاش لايىھەسىنىڭ رەت قىلىنىشىنى قۇبۇل قىلىشقا رازى ئىكەنكى ھەرگىزمۇ جازالاش دەرىجىسىنى يېنىكلىتىشنى خالىمايدىكەن. نۆۋەتتە بۇ لايىھەنىڭ ماقۇللۇقتىن ئۆتۈشى ئېنىق ئەمەس ئىكەن. جۇڭگو ۋە رۇسيە ئىككى دۆلەت قاتتىق جازالاش تەدبىرىنىڭ چاۋشيەننىڭ يادرو پىلانىنى توسۇپ قالالايدىغانلىقىدىن گۇمان قىلىدىكەن، شۇڭا ئىككى دۆلەت سۆھبەتلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.