«ۋەھىمىلىك» سانلىق مەلۇماتلار يېتىپ كېلىش ئالدىدا

parida 2017-09-12 15:38:22

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: ئالدىنقى ھەپتە ئاخىرىدا چاۋشيەن گەرچە سىناق تەرىقىسىدە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما يەرشارى پۇل-مۇئامىلە بازىرى ئوخشاشلا يېڭى بىر نۆۋەتلىك بوران-چاپقۇننى يەنى مۇھىم ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتلارنى كۈتۈۋالىدۇ.
ئامېرىكىدا: چارشەنبە كۈنى يەنى (9-ئاينىڭ 13-كۈنى) ئامېرىكا 8-ئايلىق ئىشلەپچىقارغۇچىلار مال باھا كۆرسەتكۈچى (PPI)؛ پەيشەنبە كۈنى (9-ئاينىڭ 14-كۈنى) ئامېرىكا 8-ئايلىق ئىستىمالچىلار مال باھاى كۆرسەتكۈچى (CPI)؛ جۈمە كۈنى (9-ئاينىڭ 15-كۈنى) ئامېرىكا ۋەھىمىلىك سانلىق مەلۇماتى يەنى ئامېرىكا 8-ئايلىق پارچە سېتىش سانلىق مەلۇماتى ئېلان قىلىنىدۇ؛
بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقى ئىقتىسادشۇناسلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئامېرىكا ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتلارنىڭ قاراڭغۇ مەزگىلىنى كۈتۈۋېلىشى مۇمكىن ئىكەن، چۈنكى Harvey قارا بورىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتلارنىڭ نەتىجىسى ياخشى بولماسلىقى، ياكى باشقا ئېلان قىلىنىش ئالدىدا تۇرغان نۇرغۇن ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتلارغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئەنگىلىيەدە: پەيشەنبە كۈنى (9-ئاينىڭ 14-كۈنى) ئەنگىلىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى قارارى ئېلان قىلىنىدۇ، ئىقتىسادشۇناسلار ئەنگىلىيە مەركىزىي بانكىسى بۇ ئايدا ھېچقانداق تەدبىر قوللانمايدۇ دەپ مۆلچەرلىدى، نۆۋەتتە بازارنىڭ دىققىتى بېلەت تاشلاش نىسبىتى ۋە سىياسەت باياناتىدىكى مۇھىم ئۇچۇرلارغا مەركەزلەشتى.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.