ئالتۇننىڭ كەلگۈسىكى گرافىك يۆنىلىشى قانداق بولار ؟

patigul 2017-09-12 15:52:37

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى:خەلقئارالىق ئالتۇن باھاسى دۈشەنبە (9- ئاينىڭ11- كۈنى)%1 ئەتراپىدا تۆۋەنلىگەن، ھەمدە بازار يېپىلغاندا چۈشۈش ھالىتىنى شەكىللەندۈرگەن. شۇ كۈنى ئالتۇن باھاسى 1340.27 دوللاردىكى يۇقىرى باھادىن بىراقلا 1326.46 دوللارغا چۈشۈپ قالغان.

دۈشەنبە ئالتۇن باھاسى ئۇدا ئىككى كۈنلۈك چۈشۈش ھالىتىنى شەكىللەندۈرگەن. ھەمدە 1326 دوللار ئەتراپىغا تۆۋەنلەپ بۇ باھالار ئەتراپىدا تىرەش نۇقتىسىغا ئۇچرىغان. ھازىرقى گرافىك ئەھۋالىدىن قارىغاندا ئالتۇن يۆنىلىشى يەنىلا ئۆسۈشنى ئاساس قىلىۋاتىدۇ. لېكىن قىسقا مەزگىل ئىچىدە چۈشۈش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ. بازارنىڭ كەلگۈسى 20 كۈنلۈك نىشانى 1312 دوللار بولۇپ قېلىىشى مۇمكىن.

سەيشەنبە(9- ئاينىڭ12-كۈنى) ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇن باھاسى يەنىلا چۈشۈش يۆنىلىشىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئەڭ تۆۋەن 1323.33 دوللار ئەتراپىغىچە تۆۋەنلىگەن. نۆۋەتتە ئالتۇننىڭ يۇقىرىقى توسالغۇ نۇقتىسى 1358 دوللار، تۆۋەنكى تىرەش نۇقتىسى 1315 دوللار.

ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك يۆنىلىشى (3 ئايلىق): ئۆسۈش

قىسقا مەزگىللىك يۆنىلىشى(بىر ھەپتىلىك): دائىرە ئىچىدە ئۆسۈش

مۇھىم توسالغۇ نۇقتىلىرى: 1358 دوللار، 1375 دوللار، 1392 دوللار

مۇھىم تىرەش نۇقتىلىرى؛ 1315 دوللار، 1300 دوللار ، 1285 دوللار

\

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.