بۈگۈنكى خەلقئارالىق مۇھىم ئۇچۇرلار

parida 2017-09-12 15:52:16

\

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى: يەرشارى ئىقتىسادىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ئۆتكەن 10 يىلدىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ ياخشى بولۇۋاتىدۇ؛ جۇڭگو پۇل-مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنى كونترول قىلىش جەھەتتە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشتى؛ جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە تەڭپۇڭلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتىدۇ؛
خۇيتۇڭ تورى: ياپونىيەنىڭ 10 يىللىق زايوم پايدا نىسبىتى يىل ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ ئۆسۈش نىسبىتىنى ياراتتى؛
ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، يېڭى زېللاندىيە دۆلەت پارتىيىسىنى قوللاش نىسبىتى %47، ئىشچىلار پارتىيىسىنى قوللاش نىسبىتى %38 بولغان؛ يېڭى زېللاندىيە 9-ئاينىڭ 23-كۈنى چوڭ سايلام ئۆتكۈزىدۇ؛
فرانسىيە مالىيە مىنىستېرى: فرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكارون فرانسىيەدىن مەدەنىيەت ئىنقىلابى ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى؛ فرانسىيە ھۆكۈمىتى ئىنقىلاب جەھەتتە قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ؛ ئىنقىلابنىڭ نەتىجىسى مەلۇم مۇددەت ئىچىدە ئاندىن كۆرۈلىدۇ؛ فرانسىيە ھۆكۈمىتى ئىككى يىل ئىچىدە ئىنقىلاب نەتىجىسىنى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ؛
ئەنگىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستېرى: ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش كېلىشىمى ھاسىل قىلغىلى بولىدىغان ئەھۋاللار ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ؛
گېرمانىيە ئىقتىساد مىنىستېرلىقى: گېرمانىيە ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى كېيىنكى يېرىم يىلدا ئاستىلىشى مۇمكىن؛ كېيىنكى يېرىم يىلدا ئېكسپورت تەدرىجىي كېڭەيتىلىدۇ؛

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.