بېنزىن ئېھتىياجى ئېشىپ ماي باھاسى ئۆرلىدى

parida 2017-08-03 15:01:16

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكا غەربىي تېكساس يىنىك نېفىتىنىڭ 9-ئايلىق قەرەللىك ماي باھاسى چارشەنبە كۈنى (8-ئاينىڭ 2-كۈنى) 0.43 دوللار ياكى %0.87 ئۆستى، ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 49.59 دوللار بولدى. برېنت خام نېفىتىنىڭ باھاسى 10-ئايلىق قەرەللىك مال باھاسى چارشەنبە كۈنى 0.58 دوللار ياكى %1.12 ئۆرلىدى، ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 52.36 دوللار بولدى. ئامېرىكا خام نېفىت زاپسى دوكلاتىنىڭ نەتىجىسى ماي باھاسى ئۈچۈن پايدىسىز بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا بېنزىن ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشى ھەمدە ئامېرىكا دوللىرىنىڭ داۋاملىق ئاجىزلىشىشى ماي باھاسى ئۈچۈن تىرەكلىك رول ئوينىدى. ئامېرىكا غەربىي تېكساس يىنىك نېفىتىنىڭ قەرەللىك مال باھاسى سودا داۋامىدا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 49.64 دوللارغا، برېنت خام نېفىتىنىڭ قەرەللىك مال باھاسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 52.42 دوللارغا چىقتى.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.