ئاق سارايدىن يەنە بىر شۇم خەۋەر تارقالدى

parida 2017-08-03 13:27:01

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: تۆنۈگۈن كەچتە ئاق سارايدىن يەنە بىر شۇم خەۋەر تارقالدى، ئامېرىكىنىڭ مالىيە مىنىستىرى Mnuchin شۇ جاي ۋاقتى سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە كېڭەش پالاتاسى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى McConnel بىلەن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى Schumer بىلەن كۆرۈشتى، ئىككى تەرەپ قەرز يۇقىرى چېكىنى ئۆستۈرۈش ئۇسۇللىرى ئۈستىدە مۇزاكىرىلەشتى، ئەمما سۆھبەتتە ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىدى. پارلامېنتنىڭ بەش ھەپتىلىك يەنى 9-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە بولغان دەم ئېلىش ۋاقتى پات ئارىدا باشلىنىدۇ، بۇ 9-ئايدا پارلامېنتقا بېرىلىدىغان مۇزاكىرە قىلىش ۋاقتىنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى، ئاق ساراينىڭ تاقىلىش خەۋىپىنىڭ يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى كابىنتىدىكى داۋالغۇشمۇ پۇل-مۇئامىلە بازىرىنىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلاندى، ئاق ساراي ئاخبارات بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى Anthony Scaramucci نىڭ تېز سۈرئەتتە ۋەزىپىدىن بوشىتىلىشى تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىناۋىتىگە قاتتىق تەسىر يەتكۈزدى. Scaramucci ۋەزىپىدىن بوشىتىلىشتىن ئىلگىرى، تىرامپ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان قىسقىغىنە 6 ئاي ئىچىدە، فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ‍(FBI) نىڭ باشلىقى James Comey، ئاق ساراي ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ كاتىپى Sean Spicer قاتارلىق 9 نەپەر ھۆكۈمەت ئەمەلدارى ئىستىپا بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ياكى بىۋاستە ۋەزىپىسىدىن بوشىتىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى تېللىرسوننىڭ نۇرغۇن ھالقىلىق مەسىلىلەر ۋە باشقۇرۇش ئۇسۇلى جەھەتتە ئاق ساراي بىلەن ئېغىر دەرىجىدە ئىختىلاپ مەۋجۇت بولۇپ، تېللىرسون ئەڭ كېچىككەندىمۇ يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن دۆلەت ئىشلىرى كاتىپلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشى مۇمكىن. تېللىرسوندىن باشقا، تىرامپ ئىچكى كابىنتى دېپلوماتىيە كوللېكتىپىنىڭ يەنە بىر ئاساسلىق ئەزاسى – ئاق ساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى McMaster نىڭ تۈرلۈك دېپلوماتىيە مەسىلىلىرى ئۈستىدە تىرامپ بىلەن قارىشى روشەن پەرقلىنىدۇ.

\

\

\

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.