ئاق سارايدىكى داۋالغۇش ئالتۇن كۈمۈش باھاسىغا تىرەك بولدى

gulnur 2017-08-03 13:06:13

\

كۈمۈش باھاسى يۇقىرى باھا 16.92 دوللار ئەتراپىغا چىققاندىن كىيىن قايتا چۈشۈپ كەتتى، نۆۋەتتە كۈمۈشنىڭ باھاسى ئۆرلەش يۆنىلىشنى بۇزۇۋەتكەن بۇلۇپ، غەيرىي يېزا ئىگىلىك يىغىندىن بۇرۇن ئۆسۈش يۆنىلىشىنى داۋاملاشتۇرالماسلىقى مۇمكىن .

يېقىنقى مەزگىلدىكى ئاق سارايدىكى داۋالغۇش بولسا ئالتۇن كۈمۈشكە ئەڭ مۇھىم تىرەك بولىۋاتقان ئامىللارنىڭ بىرسى. ئاق ساراي ئالاقە باشقۇرغۇچىسى Anthony Scaramucc نىڭ ئىشتىن بۇشتىلغانلىق خەۋىرىنىڭ تارقىلىشى تىرامىپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىناۋىتىگە ئېغىر زەربە بولدى. ئۇنىڭدىن باشقا ، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى نۇچىن شۇ يەر ۋاقتى سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە كېڭەش پالاتاسى دېموكراتلار پارتىيىسى بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ داھىيسى مېكانېل بىلەن كۆرۈشتى.ئىككى تەرەپ قەرز يۇقىرى چېكىنى ئۆستۈرۈش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىپ مۇھاكىمە ئېلىپ باردى، لېكىن سۆھبەت ۋاقتىنچە توختىتىلىپ ، ھېچقانداق نەتىجە چىقمىدى. نۇرغۇن ئامىللار سەۋەبىدىن دوللار كۆرسەتكۈچىسى داۋاملىق چۈشۈپ، تۆنۈگۈن ياۋرۇپا بازىرىدا بېسىمغا ئۇچراپ ئۆستى.

مۇشۇ ھەپتىنىڭ جۈمە كۈنى ئېچىلىدىغان غەيرى يېزا ئىگىلىك يىغىنى بازارنىڭ دىققەت قىلىدىغان مۇھىم ئاچقۇچى .



ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.