ۋېنېسۇئىلا يېڭى نېفىت بازىرى ئېچىش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدەندى

parida 2017-08-03 15:21:39

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: سىرتقى تاراتقۇلارنىڭ چارشەنبە كۈنى (8-ئاينىڭ 2-كۈنى)دىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ۋېنېسۇئىلاغا قارىتا جازالاشنى كۈچەيتكەن پەيتتە، ۋېنېسۇئىلا دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى ۋە ھەمكارلاشقۇچىلىرى 2-يۈرۈش لايىھەنى تۈزۈشكە باشلىغان، بۇ ئارقىلىق ئامېرىكا جازالاشنى كۈچەيتكەن ھەمدە نېفىت ئىمپورت قىلىشنى چەكلىگەن ئەھۋال ئاستىدا، مەزكۇر دۆلەتنىڭ خام نېفىت بازىرى ئۈچۈن چىقىش يولى ئىزدىمەكچى بولغان.

\

نېفىت ئېكسپورتى ۋېنېسۇئىلا ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، دۆلەتتە ئېغىر دەرىجىدە مەبلەغ كەمچىل بولغاچقا، دۆلەت رەھبەرلىرى نېفىت ئېكسپورت قىلىدىغان جاي ۋە كىرىم مەنبەسى ئۈستىدە ئىزدەندى. ئامېرىكا ۋېنېسۇئىلانىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ چوڭ خام نېفىت خېرىدارى ھېسابلىنىدۇ. ئەمما بۇ قېتىمقى جازالاشتا ۋېنېسۇئىلانىڭ خام نېفىتىغا قارىتا مۇناسىۋەتلىك تەدبىر قوللىنىلمىغان، ئەمما ئامېرىكا تەرەپ بۇ مەسىلىنى ئويلىشىۋېتىپتۇ.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.