ئەنگىلىيە ئۆسۈمى %2.2 لىك يېڭى ساقلاش زايومى تارقاتتى

gulbostan 2017-04-13 11:50:03

\

رېيتېر ئاگېنىتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى توردا بىر خىل ئۆسۈمى %2.2 لىك يېڭى ساقلاش زايومى ئېلا قىلدى، بۇ خىل زايوم ئەنگىلىيە مالىيە مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن "بازار ئەۋزەللىكى" دەپ ئاتالغان.

ئىگىللىنىشىچە، بۇ مەبلەغ سېلىش كاپالىتىنى ئاشۇرۇش زايومىInvestment Guaranteed Growth Bond نى ئالدىنقى يىلى كۈزدە ئەنگىلىيەنىڭ مالىيە ۋەزىرى خارمونىد باياناتىدا ئېلان قىلىشقا ۋەدە بەرگەن. ئەينى ۋاقىتتا خارمونىد 2 مىليون كىشى بۇ يېڭى زايومدىن پايدىغا ئېرىشەلەيدۇ، دېگەن.

Moneyfacts نىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسانغاندا، ئۆسۈم نىسبىتى %2 لىك ئۈچ يىللىق مۆھلەتلىك زايوم ئىكەن. ساقلىغۇچى كەلگۈسى 12 ئاي ئىچىدە 100 دىن 3000 فونىدسىتىرلىڭگىچە مەبلەغ سالسا بولىدىكەن. 1000 فونىدسىتىرلىڭ ئامانەت قويغۇچى ناۋادا ئۈچ يىل ئىچىدە نەق پۇلنى چىقىرۋالمىسا، مۆلچەردە 67 فونىدسىتىرلىڭ ئۆسۈمگە ئېرىشەلەيدىكەن، ئەڭ يۇقىرى چەكتە 3000 فونىدسىتىرلىڭ مەبلەغ سالغۇچى مۆلچەردە 202 فونىدسىتىرلىڭغا ئېرىشەلەيدىكەن.

؛لىكىن تەنقىدچىلەر بۇ خىل ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ ھېچقانداق پايدىسى يوق دەپ قارىغان. ئىككى يىل ئىلگىرى، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ياشانغاندا كۈتۈنۈش فوندى زايومى %4 لىك ئۆسۈم نىسبىتى تەمىنلەيدۇ.

ئوخشاشلا، ئكسۈم نىسبىتىدىن باج ئېلىنىدۇ، گەرچە ئاساسىي ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە باج تاپشۇرىدىغان كىشلەر ھەر يىلى 1000 فونىدسىتىرلىڭلىق باجنى كەچۈرۈم قىلىش ئۆسۈم نىسبىتىگە ئېرىشسىمۇ، ئەمما يۇقىرى ئۆسۈم نىسبىتىدە باج تاپشۇرغۇچىلار پەقەت 500 فونىدسىتىرلىڭلىق باجنى كەچۈرۈم قىلىش سوممىسىغا ئېرىشەلەيدۇ.

بۇ يېڭى زايومنى توردا ئىلتىماس قىلغىلى بولىدۇ. ھەرقانداق 16 ياشتىن يۇقىرى ئەنگىلىيە ئاھالىسى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

ئەسكەرتىش:مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۆچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.