خەلق پۇلىنى دوللارغا ئالماشتۇرۇش نىسبىتى 289 نۇقتا ئۆستى

gulbostan 2017-04-13 11:47:01

\


پەيشەنبە كۈنى، خەلق پۇلىنى دوللارغا ئالماشتۇرۇش ئارىلىق باھاسى 6.8651 نۇقتىغا چىقىپ، 1-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ئۆسۈش دائىرىسى ئالدىنقى كۈنلۈك ئارىلىق باھا 6.8940 نى ياراتتى.

ئالدىنقى كۈنلۈك ئورگان تەرەپ يېپىلىش باھا مەلۇماتى 6.8922، كېچىلىك باھا مەلۇماتى 6.8930 بولدى.

كېچىدىن ئۆتكەن قارشى قىرغاق خەلق پۇلىنى دوللارغا ئالماشتۇرۇش نىسبىتى نىيويورك چۈشلۈك بازاردىن كېيىن كۈن ئىچىدىكى يېڭى يۇقىرى نۇقتا بىلەن ئۇچرىشىپ، 3-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى ئۆسۈش دائىرىسى ھەمدە 6.89 لىك نۇقتىدىن بۆسۈپ ئۆتۈشنى ياراتتى.

جۇڭگو خەلق بانكىسى ھوقۇق بەرگەن جۇڭگو تاشقى پېرۋوت سودا مەركىزى 2017-يىلى 4-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى بانكىلار ئارا تاشقى پېرۋوت بازىرىدىكى خەلق پۇلىنىڭ پېرۋوت نىسبىتى ئارىلىق باھاسىنى ئېلان قىلدى: 1 دوللار 6.8651 يۈەن، 1 ياۋرو 7.3389 يۈەن، 100 يىن 6.3106 يۈەن، 1 شىياڭگاڭ پۇلى 0.88339 يۈەن، 1 فونىدسىتىرلىڭ 8.6282 يۈەن، 1 ئاۋىستىرالىيە دوللىرى 5.1828 يۈەن، 1 زىنلاندىيە دوللىرى 4.8057 يۈەن، 1 سىنگاپور دوللىرى 4.9292 يۈەن، 1 شىۋىتسارىيە فرانىكى 6.8613 يۈەن، 1 كانادا دوللىرى 5.1913 يۈەن، 1 يۈەن 0.64389 مالايسىيا جىلىنتى، 1 يۈەن 8.2307 رۇبلى، 1 يۈەن 1.9599 جەنۇبى ئافرىقا راندى، 1 يۈەن 165.26 ۋون، 1 يۈەن 0.53422 دەرھەم، 1 يۈەن 0.54546 رىيال، 1 يۈەن 42.5970 ۋىنگىرىيە فورېنتى، 1 يۈەن 0.57912 پولشا زىروتى، 1 يۈەن 1.01140 دانىيە كرونى، 1 يۈەن 1.3051 شىۋىتسىيە كرونى، 1 يۈەن 1.2426 نورۋىگىيە كرونى، 1 يۈەن 0.53072 تۈركىيە لىراسى، 1 يۈەن 2.6985 مېكسىكا پىسوسى.

جۇڭگو تاشقى پېرۋتو سودا مەركىزى 2-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ خەلق پۇلىنى دوللارغا ئالماشتۇرۇش ئارىلىق باھا باھا بېكىتىش مىخانىزىمىنى ئازراق تەڭشەپ، بىر تۈردىكى پۇللارنىڭ پېرۋوت نىسبىتىنى ھېسابلاش ۋاقىت بۆلىكىنى قىسقارتتى، ئەسلىدىكى 24 سائەتتىن 15 سائەتكە ئۆزگەرتتى، يەنى چۈشتىن كېيىن 4:30 باشلاپ سەھەر 7:30 غىچە ھېسابلىنىدۇ. 2016-يىلى 3-ئايدىن بۇيان، خەلق پۇلىنى دوللارغا ئالماشتۇرۇش نىسبىتى ئارىلىق باھاسىنىڭ ئۆزگىرىشى "يېپىلىش پېرۋوت نىسبىتى+ بىر تۈردىكى پۇلنىڭ پېرۋوت نىسبىتى ئۆزگىرىشى" دىن شەكىللەنگەن مىخانىزىم بىلەن يۇقىرى دەرىجىدە ماسلاشتى.

2016-يىلىدىن باشلاپ خەلق پۇلىنى تاشقى پېرۋوت بازىرىدا ئالماشتۇرۇش ۋاقتى بېيجىڭ ۋاقتى 9:30-16:30 دىن بېيجىڭ ۋاقتى 9:30-23:30 غا تەڭشەلدى. مەركىزى بانكا بۇنىڭدىن ئىلگىرى سودا ۋاقتى ئۇزارتىلغاندىن كېيىن، بېيجىڭ ۋاقتى 16:30 دىكى خەلق پۇلىنى دوللارغا ئالماشتۇرۇش نەق ۋاقىتتىكى پەيىتلىك سودا پۈتۈشۈش باھاسى شۇ كۈنلۈك يېپىلىش باھاسى بولىدۇ، دەپ ئېلان قىلدى.

مەركىزى بانكا 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 11-كۈنى خەلق پۇلىنى دوللارغا ئالماشتۇرۇش ئارىلىق باھاسىنى چوڭ نىسبەتتە چۈشۈرۈپ تەڭشىدى ھەمدە يەنىمۇ ئىلگىرلەپ ئارىلىق باھانى مەلۇم قىلىشنى ياخشىلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى، خەلق پۇلى 1994-يىلى پېرۋوت نىسبىتى بىر يولغا چۈشكەندىن بۇيان ئەڭ چوڭ تاق كۈنلۈك چۈشۈش نىسبىتىنى يارىتىپ، يەرشارى پاي بازىرى ۋە مىقدارلاشقان تاۋارنىڭ چۈشۈشىنى پەيدا قىلدى. 8-ئاينىڭ 14-كۈنى خەلق پۇلى ئارىلىق باھاسى ئازراق ئېشىپ ئۈچ كۈنلۈك چوڭ چۈشۈشنى ئاياقلاشتۇردى.

ئەسكەرتىش:مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۆچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.