نەق مال كۈمۈشنىڭ ئىپادىسى ئالتۇندىن ياخشى بولدى

rabigul 2017-04-13 12:17:12

\

سەيشەنبە Metals Focus ئەڭ يېڭى ئېلان قىلغان تەتقىقات دوكلاتىدا دە ،« بۇ يىلنىڭ بېشى ياكى يىل ئاخېرىقى مەزگىللىرىدە كۈمۈشنىڭ ئىپادىسى ئالتۇندىن ياخشى بولىدۇ» دېگەن.

Metals Focus مۇنداق دىدى, ئالتۇن باھاسى يەرلىك سىياسەتلەرنىڭ تەسىرىگە ئىزچىل ئۇچراۋاتقانلارنىڭ بىرى. مەسلەن، ئامېرىكا سۈرىيەگە ھاۋا بوشلۇقىدىن ھۇجۇم قىلدى. يەر شارى ئەمەلىي ئۆسۈم نىسبىتى يەنىلا تۆۋەن بولغانلىقتىن، مەبلەغ سالغۇچىلار يۇقىرى پايدا ئېلىش ئۈچۈن كۈمۈشكە مەبلەغ سېلىشنى ياخشى كۆرۈشى مۇمكىن.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئامېرىكا پاي چىكى بازىرىنىڭ يۇشۇرۇن تەڭشىلىشى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىنى قايتىدىن قوزغىشى مۇمكىن. Metals Focu مۇنداق دىدى، ئومۇمەن ئېيتقاندا، بۇ يىلدىن بۇيان، كۈمۈش بازىرىدا ھايانكەشلىك قىزىقىش ئېشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلدى، قەرەللىك مال بازىرىدىكى ئۆسۈش ماللىرىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكى قىسقا مەزگىل ئىچىدە كۈمۈشنىڭ باھاسى قايتا تەڭشىلىشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر مەبلەغ سالغۇچىلار تىرامپنىڭ ئىقتىساد سىياسىتىگە قارتا ئۈمىدسىزلىنىش كەيپىياتى پەيدا بولسا، سانائەت تاۋارلىرى ھەم كۈمۈشنىڭ تۆكمە بۇلۇپ سېتىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىندى، باشقا تور بەتلەرنىڭ قالايمىقان كۆچۈرۈشىگە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر بايقىلىپ قالسا قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.