بۇ يىلدىن باشلاپ يەرشارى كان ئالتۇنى ئازىيىشقا باشلايدۇ

gulbostan 2017-04-13 12:35:27

\



2016-يىلى، يەرشارى كان ئالتۇنىنىڭ مىقدارى 14 توننا ئېشىپ، 3222.3 توننىغا يەتتى. گەرچە خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 2011-يىلى چوققا نۇقتىغا چىققان ھەمدە كېيىن يىل بويى ئۈزلۈكسىز چۈشكەن بولسىمۇ، ئەمما كان ئالتۇنى تەمىناتى دەرھال باھاغا ئىنكاس قايتۇرسا بولمايدۇ، چۈنكى مەيلى يېڭى كان ئاچسۇن ياكى يۈرۈشتۈرىۋاتقان كاننى تاقىۋەتسۇن، ھەممىسى ۋاقىت ۋە ئارتۇقچە مەبلەغكە مۇھتاج بولىدۇ.

1997-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە، يەرشارى كان ئالتۇنى مىقدارى ئوتتۇرچە ھەريىلى پەقەت %0.04 ئاشقان، تەڭلەشكەن دېيىشكە بولىدۇ، ئەمما ئوخشاش مەزگىل ئىچىدىكى ئالتۇن باھاسى ھەريىلى ئوتتۇرچە %6.5 ئۆسكەن. 2008-يىلىدىن باشلاپ كان ئالتۇنىنىڭ مىقدارىدا ئاندىن ئېشىش باشلانغان، 2016-يىلىغىچە بولغان بۇ توققۇز يىلدا ئوتتۇرچە ھەريىلى %3.4 ئاشقان. بۇنىڭدىن كۆرىۋالغىلى بولىدۇكى، نۆۋەتتىكى ئالتۇن باھاسىنىڭ 2011-يىلىدىكى يۇقىرى نۇقتا بىلەن يەنە بىر چوڭ بۆلەك ئارىلىق ساقلىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە 2016-يىللىق كان ئالتۇنى مىقدارىدا ئۇدا ئۈچىنچى يىلى ئېشىش نىسبىتىدە چۈشۈش كۆرۈلگەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئانالىزچىلار يەرشارىنىڭ ئالتۇن كانچىلىق كەسپى ھازىر بىر چوڭ بۇرۇلۇشنى بېشىدىن كەچۈرىۋاتىدۇ، بۇ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ يۇقىرى نۇقتىغا يەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ ھەمدە بۇ يىلدىن باشلاپ تۆۋەنلەش كۆرۈلىدۇ دەپ قارىغان.

2016-يىلىغا نەزەر سالساق، ئاسىيا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئالتۇن ئىشلەپچىقىرىش رايونى ھەمدە يەرشارى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ %28 نى ئىگەللەيدۇ. ئالدىنقى يىلى ئاسىيانىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.5 چۈشۈپ كەتكەن. جگنۇبى ئامېرىكىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.7 چۈشۈپ كەتكەن، ئەكىسچە شىمالىي ئامېرىكىنىڭ %1.7، ئافرىقىنىڭ %2 ، ئاۋىستىرالىيەنىڭ %3.1 ئاشقان.

رېيتېر ئاگېنىتلىقىنىڭ GFMS سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغان ئون دۆلەت ئىچىدە، 2016-يىلى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى جەمئىي 68 توننا ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئامېرىكا، ئاۋىستىرالىيە ۋە دومىنكىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ ئېشىشى يېرىمدىن ئارتۇق نىسبەتنى ئىگەللىگەن؛ بۇنىڭدىن سىرت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ چۈشۈشى ئەڭ ئېغىر بولغان 10 دۆلەت ئىچىدە، ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى جەمئىي 62 توننا چۈشكەن. بۇنىڭ ئىچىدە مېكسىكا، پىرۇ ۋە موڭغۇلىيەنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتى %60 دىن ئاشقان.

پۈتۈن دۇنيانىڭ نەق مال ئالتۇن ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى ۋە تىجارەتنى ساقلاپ قېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئومۇمى تەننەرخى ھەر ئۇنسىيەسى 630 دوللار ۋە 818 دوللار، ئىككىلىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2 چۈشكەن. ئالدىنقى يىلى ئالتۇن باھاسىنىڭ %8 ئۆسكەنلىكىنى قوشقاندا، كان شىركىتىنىڭ ئوتتۇرچە ساپ پايدىسى %6.5 ياخشىلانغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا، جەنۇبى ئامېرىكا، ئاۋىستىرالىيە ۋە جەنۇبى ئافرىقىنىڭ ئومۇمى تەننەرخى 784 دوللار، 776 دولار، 782 دوللار ۋە 1035 دوللار، ئەكىسچە پەقەت ئاۋىستىرالىيەنىلا ئومۇمى تەننەرخى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئازراق ئاشقان.

مۆلچەرگە ئاساسلانغاندا، تارىختىن بۇيان دۇنيادا جەمئىي 187.2 مىڭ توننا ئالتۇن قېزىلغان، بۇنى ھەر ئۇنسىيەسى 1320 دوللار باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، بۇ 7.7 مىليارد دوللارلىق بازارغا تەڭ.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىندى، باشقا تور بەتلەرنىڭ قالايمىقان كۆچۈرۈشىگە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ، ئەگەر بايقىلىپ قالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.