دۇنيا ھازىر كىرزىس ھالىتىدە تۇرىۋاتىدۇ

gulbostan 2017-04-13 13:18:31

\



گېرمانىيە بانكىسى تېخىمۇ كۆپلىگەن پاي تارقىتىدىغانلىقى ھەمدە %35 باھا چۈشۈرۈپ ساتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى؛ ئەمما ھازىرقى پايچەكلەر بۇنىڭدىن ئانچە خوشال بولمىدى. بۇ خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنكى تۆت كۈن ئىچىدە، پايچەكلەر پېيىنى تۆكمە قىلىپ ساتقانلىقتىن، گېرمانىيە بانكىسى پاي باھاسىنىڭ %13 چۈشۈپ كېتىشىنى پەيدا قىلدى.

ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن گېرمانىيە بانكىسى مۇشۇنداق قاراملىق قىلىدۇ؟ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ بانكا ئالدامچىلىق قىلمىشى سەۋەبىدىن كۆپ قېتىملىق ئەرزگە چېتىلىپ قالدى، بۇ بازارنى كونترول قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جىنايىتى بار دەپ ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ بانكا نۆۋەتتە ئامېرىكا ئەدىلىيە مىنىستىرلىكىگە 7.2 مىليارد دوللارلىق جەرىمانە قەرز بولدى، بۇنىڭدىن سىرت يەنە 10 مىليارد دوللارلىق جەرىمانىگە دۇچ كەلدى. بەخىتكە قارشى، بۇ بانكا ئاللىقاچان ۋەيران بولدى. ناۋادا گېرمانىيە بانكىسى يېڭى پاي ساتالىسا ھەمدە 8.6 مىليارد دوللار مەبلەغ يىغالىسا ۋەيران بولۇشتىن ساقلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.

بۇنىڭدىن سىرت، بۇ بانكىنىڭ كەسپىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس. ئۆتكەن ئىككى يىلدا، بۇ بانكا 2 مىليارد دوللارغا يېقىن زىيان تارتىپ، خىزمەتچى قوبۇل قىلىشنى توڭلىتىش ھەمدە مۇكاپات سوممىسىنى %80 كېمەيتىش تەدبىرى قوللاندى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكا تاۋار قەرەللىك مال سودا كومېتىتىغا ھەر تۈرلۈك سودىنى ئەمەلىي دوكىلات قىلمىغانلىقتىن، نۆۋەتتە يەنە 2.50 مىليون دوللارلىق خەلق ئىشلىرى جەرىمانىسى تۆلىشى كېرەك. شۈبھىسىزكى، بۇ بانكىنىڭ ئىناۋەت دەرىجىسىنى تۆۋەنلەتتى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى گېرمانىيە بانكىسىنى قۇتقۇزمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمىلىيەتتە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كېلىشىمىگە ئاساسەن، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى بۇنداق قىلماسلىقى كېرەك. مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدىغىنى، گېرمانىيە بانكىسى ناھايىتى تېزلا ۋەيران بولۇش يولىغا قاراپ ماڭىدۇ.

ياۋروپانىڭ سىرتىدىكى كىشلەرگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا، گېرمانىيە بانكىسىنىڭ ۋەيران بولىشى ئىنتايىن مۇھىم ئەمەستىن بىلىنىدۇ. لىكىن، گېرمانىيە بانكىسى ياۋرو رايونى ئۈچۈن مەبلەغ تەمىنلەيدىغان بانكا. ھازىر، بۇ بانكا قايتا بۇنداق قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، گېرمانىيە بانكىسى لېيمان قېرىنداشلار بانكىسىدىن ئون ھەسسە چوڭ. لېيمان قېرىنداشلار بانكىسى 2008-يىلى ئامېرىكىدا ۋەيران بولۇپ، ئەينى يىلى ئىقتىسادى كىرزىسنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىدىن بىشارەت بەرگەن. (گېرمانىيە بانكىسىنىڭ %90 كىرىمى تۇغۇندى مەھسۇلات سودىسىدىن كېلىدۇ، بۇ دەل لېيمان بانكىسىنىڭ ۋەيران بولۇش سەۋەبى.)

ئانالىزچىلارنىڭ مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، گېرمانىيە بانكىسى ۋەيران بولغاندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ تۆت ئاساسلىق بانكىسىمۇ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىشى مۇمكىن، بىرقانچە كۈن ئىچىدە ۋەيران بولىدۇ، ۋەيران بولۇش تەسىرى داۋاملىق پۈتۈن سېستىمىغا تارقىلىدۇ.


\


ھازىرقى شۇم خەۋەر

كۆپ يىلدى بۇيان، غەرب دۆلىتىنىڭ ئىقتىسادى ئىزچىل چېكىندى، ئۇلار دائىم قىسقا مەزگىلدە پايدا ئېلىپ كېلىدىغان ئىقتىساد سىتراتىگىيەسىگە تايىنىدۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرىدا ئۇزۇن مەزگىللىك زىيان پەيدا بولىدۇ. ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش يۈزلىنىشىى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ. مۇشۇ ۋاقىتتا، گېرمانىيە بانكىسى پەقەت ئەڭ يېڭى پەيدا بولغان بومبا، پۈتۈن ئىقتىساد سېستىمىسىنى ۋەيران قىلىدۇ.

ئەمما، ئومۇمەن قىلىپ ئېيىتقاندا، باشقا يوشۇرۇن "قوزغاتقۇچ" لار گېرمانىيە بانكىسىدىنمۇ خەتەرلىك، چۈنكى بۇ يوشۇرۇن "بومبىلار" ئوخشىمىغان تەرەپتىن كەلگەن، تكۋەندە بىز نۆۋەتتىكى ئىقتىساد سېستىمىسىدىكى يوشۇرۇن "پارتىلاش نۇقتىسى" نى رەتكە تۇرغۇزۇپ چىقىمىز:

1. يېقىندا، چەتئەل ھۆكۈمىتى ئىلگىرى كۆرۈلمىگەن سۈرئەتتە تېزلىكتە ئامېرىكا بازىرىغا ئامېرىكىنىڭ دۆلەت زايومىنى تۆكمە قىلىپ ساتتى (بۇ ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدە دوللارنىڭ قىممىتى چۈشۈپ كېتىدۇ دەپ قارىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ).

2010-يىلى ئېلان قىلىنغان "دود-فرانكىفوت لاھىيەسى" قانۇنى ۋاستە ئارقىلىق مىقدارلاشتۇرۇلغان قويىۋېتىش سىياسىتىنى ئاياقلاشتۇردى. لىكىن، بۇ قانۇن لاھىيەسى بانكىنىڭ ئۆزىنى قۇتقۇزىشىغا يول قويىدۇ، بانكىنىڭ ئامانەت قويغۇچىلارنىڭ ئامانەت پۇلىنى ئېلىپ ئىشلىتىشىگە ھوقۇق بەرگەن. ئۆزىنى قۇتقۇزۇش سىياسىتىنى يولغا قويغان باشقا دۆلەتلەردە، ھۆكۈمەت يەنە ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، پىنسىيە پۇلى قاتارلىقلارنى ئىگەللىۋالغان ھەمدە دائىم ۋايران بولغان بانكىنىڭ پېيى ياكى زايومى ئۈچۈن بەدەل تۆلەيدۇ، ئارقىدىن زايوم توختامىغا خىلاپلىق قىلىش يۈز بېرىدۇ.

3. پاي بازىرىنىڭ كۆپۈكى 2008-يىلىدىكىدىنمۇ چوڭايدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بالدۇرلا ۋەيران بولۇشقا تېگىشلىك.

4. زايوم بازىرى كۆپۈكى تارىخى ئەڭ چوڭ نۇقتىغا يەتتى، ئوخشاشلا بالدۇرلا ۋەيران بولۇشقا تېگىشلىك.

5. تۇغۇندى مەھسۇلات 2008-يىىدىكى پۇل-مۇئامىلە كىرزىسىنى پەيدا قىلدى، نۆۋەتتىكى سەۋىيە 2007-يىلىدىكىدىنمۇ يۇقىرى، بۇ يەنە بالدۇر پارتىلاشقا تېگىشلىك بولغان يەنە بىر يوشۇرۇن بومبىنىڭ بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

6. نېفىت دوللىرى بولسا ئامېرىكىنىڭ پۈتۈن دۇنيادا دوللارنىڭ نوپۇزىنى ساقلاشتا تايىنىدىغان قورالى، ئەمما ھازىر دۇنيادا نۇرغۇنلىغان دۆلەت ئۇنىڭدىن قېچىۋاتىدۇ. ھازىر كۆپلىگەن دۆلەت باشقا پۇل ئارقىلىق نېفىت چىقىمىنى تۆلەيدۇ.

7. روسىيە ئۆزىنىڭ يەرشارى بانكا مالىيەسى ئالاقە سېستىمىسىنى قۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى (يېقىندا جۇڭگومۇ ئۆزىنىڭ سېستىمىسىنى قۇردى). بۇنداق بولغاندا، خەلقئارالىق تۆلەم تۆلىگەندە، روسىيە بېريۇسېلنىڭ يەرشارى بانكا مالىيەسى ئالاقە سېستىمىسىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ كېتەلەيدۇ. بۇ سېستىمىنى ئاساسلىقى ئامېرىكا كونترول قىلىدۇ.

4-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئامېرىكا قەرز يۇقىرى چېكىگە يېتىدۇ، يەنە قايتا قانۇنلۇق ھالدا قەرز ئالسا بولمايدۇ. مۆلچەرگە ئاساسلانغاندا، مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ قالدۇق مەبلىغى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى خوراپ تۈگەيدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، ناۋادا چوڭ كۆلەمدىكى مەبلەغ يەتكۈزۈش بولمىسا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھۆكۈمەتنى تاقىۋېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ.

يۇقىرىدىكىسى بىر قانچىلىغان يوشۇرۇن بومبىلار، ئەمىلىيەتتە يەنە نۇرغۇنلىغان باشقا يوشۇرۇن بومبىلار بار. بۇنىڭ ئىچىدە ھەرقانداق بىرى ئىقتىسادنىڭ تېزلىكتە ۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرالايدۇ. يەنە نۇرغۇنلىغان يوشۇرۇن بومبىلار بار، مەسىلە پارتىلامدۇ-يوق، ئەكىسچە قاچان پارتىلايدۇ.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىندى، باشقا تور بەتلەرنىڭ قالايمىقان كۆچۈرۈشىگە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ، ئەگەر بايقىلىپ قالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.