​نەق مال ئالتۇن سودىسى بىلەن زاكاز ئالتۇن سودىسىنىڭ پەرقى زاى نېمە ؟

ilkan_atigul 2021-10-06 12:20:47

\

نەق مال ئالتۇن سودىسى بىلەن زاكاز ئالتۇن سودىسىنىڭ پەرقى زاى نېمە ؟

ئالتۇن سودىسى قانداق بولىدۇ؟ زىخچە ئالتۇننى سودا قىلامدۇ ياكى پاي چېكى سودىسى بىلەن ئوخشاش ئېلىپ بېرىلامدۇ؟ ئالتۇن بازىرىدىكى ئالتۇن سودىسى ئاساسلىقى نەق مال سودىسى ۋە زاكاز مال سودىسىدىن ئىبارەت ئىككى خىل شەكىلدە بولىدۇ.
نەق مال دېگىنىمىز ئاساسلىقى كېسەك ئالتۇن، نوكچا ئالتۇن، زىخچە ئالتۇن ۋە تىللانى كۆرسىتىدۇ. شەخسلەر ياكى ئالتۇنچى كارخانىلارنىڭ يېڭىدىن قېزىپ چىقىلغان ئالتۇنغا قارىتا ئېلىپ بارغان سودىسىنىڭ كۆپىنچىسى ئەمەلىي نەق ئالتۇن سودىسى ھېسابلىنىدۇ. خېرىدارلار ئالتۇننى سېتىۋالغاندىن كېيىن ئۆزى ساقلىسىمۇ، يۆتكىسىمۇ ياكى ئالتۇنچى كارخانىلارنىڭ ۋاكالىتەن ساقلاپ بېرىشىگە ھاۋالە قىلسىمۇ بولىدۇ. نەق مال سودىسى ئادەتتە پۈتۈشكەندىن كېيىن دەرھال ھېساب بوغۇپ مال تاپشۇرىدۇ ياكى ئىككى كۈن ئىچىدە ھېساب بوغماي مال تاپشۇرىدۇ.
نەق مال ئالتۇننىڭ باھاسى بىر قەدەر ئالاھىدە بولۇپ، لوندون ئالتۇن بازىرىدىكى ئالتۇن سودىسى «باھا بېكىتىش» ۋە «باھا مەلۇم قىلىش» دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ. باھا بېكىتىشنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، خېرىدارلارنى يەككە سودا باھاسى بىلەن تەمىنلەيدۇ، يەنى سېتىش-سېتىۋېلىش باھا پەرقى بولمايدۇ. ئېلىم-سېتىم قىلغۇچىلار يەككە سودا باھاسى بويىچە ئەركىن سودا قىلسا بولىدۇ، شىركەت تەرەپ پەقەت ئاز مىقداردا رەسمىيەت ھەققى ئالىدۇ. باھا بېكىتىش سودىسى پەقەت بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە كۈچكە ئىگە بولىدۇ، قىسقا بولغاندا بىر مىنۇت، ئۇزۇن بولغاندا بىر سائەت بولىدۇ، بازاردىكى خېرىدارلارنىڭ تەمىنلەش ۋە ئېھتىياج ئەھۋالىغا قاراپ بېكىتىلىدۇ. باھا مەلۇم قىلىشتا بولسا سېتىۋېلىش باھاسى ۋە سېتىش باھاسى دەپ ئايرىلىدۇ. دۇنيادىكى باشقا ئالتۇن بازارلىرى لوندون ئالتۇن بازىرىنىڭ باھا بېكىتىش سەۋىيەسىدىن پايدىلىنىپ، ئاندىن ئۆز بازىرىنىڭ تەمىنلەش ۋە ئېھتىياج ئەھۋالىغا ئاساسەن باھا بېكىتىدۇ.
زاكاز ئالتۇن سودىسىدا پۈتۈشكەندىن كېيىن دەرھال ھېساب بوغماي، سودىلاشقۇچى ئىككى تەرەپ ئاۋۋال توختام ئىمزالاپ، زاكالەت پۇلى تاپشۇرغاندىن كېيىن بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئاندىن ھېسابنى ئۈزىدۇ. ئادەتتە، زاكاز مالنى سېتىۋالغۇچى، ساتقۇچى زاكاز توختامىنى ساتىدۇ ۋە سېتىۋالىدۇ، يەنى ئامبارنى تەڭپۇڭلاشتۇرىدۇ، ھەقىقىي نەق ئالتۇن تاپشۇرۇش ھاجەتسىز، ھەر بىر سودىدا ئېرىشكەن پايدا ياكى زىيان توختام تۈزگەندىكى ئېلىم-سېتىم باھا پەرقى بويىچە ماڭىدۇ. بۇ خىل سودا ئۇسۇلى كىشىلەر ئادەتتە ئېيتقان زاكاز «ئالتۇن ئېلىپ سېتىش» بولىدۇ. زاكاز ئالتۇن توختامى سودىسىدا پەقەت %10 ئەتراپىدىكى سودا سوممىسىنىڭ زاكالەت پۇلى مەبلەغ قىلىنىدۇ، پىشاڭ خاراكتېرى بىر قەدەر چوڭ، يەنى ئاز مىقداردىكى مەبلەغ بىلەن كۆپ سوممىلىق سودا قىلىنىدۇ. شۇڭا، ئالتۇن زاكاز مال سودىسى يەنە «زاكالەت سودىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.