​بايدىن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىنى يۇقىرلاتتىمۇ ياكى تۆۋەنلەتتىمۇ؟

ilkan_atigul 2021-10-06 12:19:28

\

بايدىن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىنى يۇقىرلاتتىمۇ ياكى تۆۋەنلەتتىمۇ؟

7-ئاينىڭ ئاخىرىدا بايدېن ئاقسارايدا سۆز قىلىپ: «مەن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان ئالتە ئايدىن بۇيان ئامېرىكىدا يېڭىدىن 3 مىليون ئىش ئورنى كۆپەيتىلدى، بۇنى ئىلگىرىكى زۇڭتۇڭلارنىڭ ھېچقايسىسى قىلالمايدۇ» دېگەن ھەمدە بۇ مەزگىلدە ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ يېقىنقى 40 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەنلىكى، ئۆزىنىڭ باشلامچىلىقىدا بۇ يىل ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ %7تىن ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، لېكىن ئەمەلىيەت راستىنلا شۇنداقمۇ؟
گولدمان سېچس (Goldman Sachs)نىڭ مۇشۇ ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنىدىكى ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، دېلتا ۋىرۇسىنىڭ يامرىشى، ئامېرىكا مالىيە چىقىمىنىڭ ئازىيىشى ۋە ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرىنىڭ تاۋارغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ تۆۋەنلىشى قاتارلىق ئۇنىۋېرسال ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، 2021-يىلى ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ %5.7 بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن. 8-ئاينىڭ ئاخىرىدا گولدمان سېچس ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ بۇ يىللىق ئېشىش سۈرئىتىنىڭ كۆزلىمە قىممىتىنى %6.4تىن %6كە تۆۋەنلەتكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ 3-پەسىللىك ئېشىش سۈرئىتىنىڭ كۆزلىمە قىممىتىنىمۇ %5.5كە تۆۋەنلەتكەن.
ئۈچ ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە گولدمان سېچس ئامېرىكىنىڭ GDP (ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى) مۆلچەرىنى ئۈچ قېتىم تۆۋەنلەتكەن. بۇنىڭدىن ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئىستىقبالىنىڭ بايدېن ئېيتقاندەك ئۇنچە ياخشى ئەمەسلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، گولدمان سىچېستىن باشقا، كۆپ ساندىكى پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ۋە ئىقتىسادشۇناسلار ئامېرىكا ئىقتىسادىغا قارىتا ئۈمىدسىز پوزىتسىيە تۇتۇپ كەلمەكتە.
مەسىلەن: مورگان بانكىسى (Morgan Stanley) ئامېرىكىنىڭ 3-پەسىللىك GDPسىنىڭ ئېشىش كۆزلىمە قىممىتىنى %6.5تىن %2.9كە تۆۋەنلەتكەن. مورگان بانكىسى بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ: «ئامېرىكىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇماتى ھەقىقەتەن بەك ناچار، 8-ئايدا ئامېرىكىدا پەقەت 235 مىڭ ئىش ئورنى يېڭىدىن كۆپەيدى، بۇ مۇشۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ ناچار ئەھۋال بولۇپ، ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ مۆلچەرىدىكىدىن 720 مىڭ ئىش ئورنى تۆۋەن، بايدېننڭ ئاغزىدىن چۈشۈرمەي ئېيتقان ھەر ئايدا يېڭىدىن 600 مىڭ ئىش ئورنى كۆپەيتىش نىشانىنىڭ يېرىمىغىمۇ يەتمىدى» دېگەن.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.