​تۇنجى تارقىتىلغان فوند دېگەن نېمە؟

ilkan_atigul 2021-10-06 12:21:52

\

تۇنجى تارقىتىلغان فوند دېگەن نېمە؟

تۇنجى تارقىتىلغان فوند دېگىنىمىز يېڭىدىن قۇرۇلۇپ، ئاشكارا مەبلەغ توپلىنىپ تۇنجى قېتىم تارقىتىلغان فوند بولۇپ، يېڭى پاي چېكى بىلەن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ. يېپىق مەزگىل ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئىلتىماس قىلىپ سېتىۋېلىش، سېتىپ بولۇپ ھەق تۆلەپ قايتۇرۇۋېلىش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى قىلغىلى بولىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، داۋاملىشىش ۋاقتى ئۇزۇن بولغان ئوچۇق فوند.

تۇنجى تارقىتىلغان فوندنىڭ قانداق ئەۋزەللىكى بار؟
1. تەننەرخى تۆۋەن. چۈنكى تۇنجى تارقىتىلغان فوندنىڭ ساپ قىممىتى بىر قەدەر تۆۋەن، مەبلەغ سالغۇچىلار ئوخشاش ئۈلۈشتىكى پاي چېكىنى سېتىۋالغانغا سېلىشتۇرغاندىمۇ بىر قەدەر تۆۋەن بولىدۇ.
2. يۇقىرى بولغان جانلىقلىق دەرىجىسى، فوند ۋە ئامبار ئورنىنى قايتىدىن تەڭشىگىلى بولىدۇ.
3. باشقۇرۇشچانلىقى كۈچلۈك. يېپىق مەزگىلدە تۇنجى تارقىتىلغان فوندنىڭ مەبلەغ ئوبوروت خەۋپ-خەتىرى ئاساسەن مەۋجۇت بولمايدۇ، فوند دىرېكتورى تېخىمۇ ياخشى باشقۇرالايدۇ.
4. مۇقىم بولۇش، يېڭى باشلاپ بازارغا كىرگەندە داۋالغۇش ۋە زىيان كونا فوندقا ئوخشاش ئانچە چوڭ ئەمەس.
5. جەلپ قىلىش كۈچى كۈچلۈك. ئادەتتە يېڭى فوند مەبلىغىنىڭ ھەممىسى بازىرى ئىتتىك كەسىپلەر ياكى بازىرى ئىتتىك بۆلەكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
6. مەبلىغى ئاز مەبلەغ سالغۇچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تۇنجى تارقىتىلغان يېڭى فوندىنىڭ ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش سوممىسى بولىدۇ، بىر قېتىمدىلا بارلىق پۇلنى چىقىرىپ سېتىۋېلىشتا بەلگىلىك قىيىنچىلىق بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇنجى تارقىتىلغان فوندىنىڭ يېپىق مەزگىلى ئېنىقسىز، بۇ مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ مەبلەغ ئىشلىتىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، تۇنجى تارقىتىلغان يېڭى فوند يېپىق مەزگىلدە ئىلتىماس قىلىپ سېتىۋېلىش قايتۇرۇۋېلىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ، مەبلەغ يۆتكىلىشچانلىقىنىڭ زەربىسىگىمۇ ئۇچرىمايدۇ.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.