خەلقئارالىق قىسقا ئۇچۇرلار

parida 2018-02-28 17:53:50

\

سىرتقى تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش قارارىنى پۈتۈن سۇرىيە چېگرىسىدا قوللىنىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى؛
دۆلەت ئىستاتېستىكا ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى: ئىقتىساد ئوتتۇرا، يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش سەۋىيىسىنى ساقلاۋاتىدۇ؛ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى ۋە خەلقئارادىكى تەسىرى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى؛
ئامېرىكا ئاقساراينىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھدى بىلەن تېلېفۇندا، ئېراننىڭ «مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىش» قىلمىشى ھەمدە باشقا بىخەتەرلىك ۋە ئىقتىساد توغرىسىدىكى مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇزاكىرىلەشكەن؛
دۆلەت ئىستاتېستىكا ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى: تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، سۈپەت ۋە ئۈنۈم يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى؛ ئىقتىساد قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتى، ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى سەۋىيىگە قاراپ مېڭىشتا يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى؛
شىياڭگاڭ مالىيە مىنىستېرى: يەرشارى پۇل مۇھىتى ۋە جۇغراپىيىلىك سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالى ھەمدە پۇل سىياسىتى خەۋپ-خەتىرىگە داۋاملىق دىققەت قىلىش زۆرۈر؛

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.