كۈمۈش باھاسى قىسقا ۋاقىت تەۋرەنمە تەۋرىنىشنى ئاساس قىلدۇ

rabigul 2018-02-28 18:23:35

\

خەلقئارا كۈمۈش باھاسى چارشەنبە(2-ئاينىڭ 28-كۈنى) ئەتىگەنلىك ئاسىيا بازىرىدا 16.40 دوللار ئەتراپىدا تەۋرەندى؛ سەيشەنبە(2-ئاينىڭ 27-كۈنى) ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ يېڭى رەئىسى پاۋىل داۋاملىق تەدرىجىي ئۆسۈم قوشۇش توغىرىسدا ۋەدە بەردى، ھەمدە ئۆزنىڭ پۇل پاخاللىقىغا بولغان ئىشەنچىسىنىڭ بارغانسىرى كۈچىيىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. بۇنىڭ بىلەن بازاردا ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ بۇ يىل ئۆسۈم قوشۇش ئۈچ قېتىمدىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقىدەك سۇبيېكتىپ پەرەز يۇقىرى ئۆرلەپ، دوللار قايتىدىن يۇقىرى ئۆرلىدى؛ شۇ سەۋەبتىن كۈمۈش باھاسى 1.5% ئەتراپىدا تۆۋەنلەپ، تۆۋەن باھا 16.32 ئەتراپىغا چۈشتى. چارشەنبە كۈنى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققتىدە بولىدىغىنى ئامېرىكا 4-پەسىللىك GDP ۋە ھاسىل بولغان ئۆينى ئىمزا قويۇپ سېتىش قاتارلىق ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇمات ئىپادىسى.

1سائەتلىك بازار ئەھۋالىدىن قارىغاندا، كۈمۈش باھاسى قىسقا ۋاقىت تەۋرەنمە تەۋرىنىش ھالىتىدە چۈشۈشنى ئاساس قىلىدۇ، ئەگەر 16.16 دوللاردىن چۈشۈپ كەتسە، كېيىنكى تىرەش نۇقتىسى 16 دوللار؛ يۇقىرى ئۆرلەش جەھەتتە، كۈمۈش باھاسى 16.80-16.85 دوللار ئەتراپىدىكى توسالغۇ نۇقتىغا ئۇچرايدۇ.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.