نىمە ئۈچۈن بايلار تېخىمۇ بايلىشىپ، نامراتلار تېخىمۇ نامراتلىشىدۇ؟

parida 2018-02-28 18:26:43

\

ھازىرقى جەمئىيەتتە بايلار تېخىمۇ بايلىشىدۇ، نامراتلار تېخىمۇ نامراتلىشىدۇ، بايلارنىڭ مەبلەغ سالغۇدەك پۇلى بولغاندىن باشقا، ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئۇلارنىڭ مەبلەغ سېلىش ئىدىيىسى. بايلارنىڭ قارىشىدا مالىيە پىشاڭى دەيدىغان بىر ئىدىيە بولىدۇ، دەل مۇشۇ خىل ئىدىيە ئۇلارنىڭ بايلىق ئاشۇرۇشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان. ئۇنداقتا مالىيە پىشاڭى دىگەن نىمە؟
ئاددى قىلىپ چۈشەندۈرگەندە، مالىيە پىشاڭى-مۇۋاپىق مىقداردىكى قەرز دىگەندىن ئىبارەت. پايدا نىسبىتى قانچە يۇقىرى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، قەرز ئۆسۈمى ئۆزگەرمەيدۇ. پايدا نىسبىتى يۇقىرىلىغاندا، ھەربىر يۈەن پۇلنىڭ پايدىسىغا نىسبەتەن قەرز نىسبىتى ئازىيىدۇ، بۇنىڭ بىلەن مەبلەغ سالغۇچىلار ئېرىشىدىغان پايدا نىسبىتىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ، بۇخىل قەرزنىڭ مەبلەغ سالغۇچىلار ئېرىشىدىغان پايدا نىسبىتىگە بولغان تەسىرى مالىيە پىشاڭى دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن ئۆي سېتىۋىلىشنى مىسالغا ئالساق، سېلىنغان مەبلەغنى سېتىۋىلىش نىسبىتىنى ھېسابلىغاندا، مەخرەجنىڭ ھەممىسى ئادەتتە مەبلەغنىڭ دىرى بولىدۇ. مەسىلەن بىر مىليۇن يۈەنلىك ئۆي سېتىۋىلىشتا، تولۇق تۆلىنىدىغان مەبلەغنىڭ دىرى بىر مىليۇن يۈەن بولىدۇ، ئەگەر ئۈچتىن بىر قىسىمىنى ئالدىن تۆلەش بويىچە ھېسابلىغاندا، مەبلەغنىڭ دىرى 300 مىڭ يۈەن بولىدۇ. ئەگەر بەش يىلدىن كېيىن ئۆي باھاسى ئىككى مىليۇن يۈەنگە چىققان بولسا، ئۇنداقتا بۇنىڭدىن قايتىدىغان مەبلەغ %100 يەنى بىر مىليۇن يۈەن بولىدۇ. قەرز ئېلىپ ئۆي سېتىۋىلىشقا سېلىنغان مەبلەغدىن ئېرىشىدىغان پايدا %566.7 بولىدۇ، يەنى 5.67 ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ، بۇ پەقەت بىۋاستە سېلىشتۇرۇش بولۇپ، قەرز ئۆسۈمى ھېسابلانمىغان. بايلارنىڭ كۆپىنچە قوللىنىدىغان ئۇسۇلى بولسا، بانكىنىڭ ھەرقايسى قەرز بېرىش تۈرلىرىگە مەبلەغ سالىدۇ. بۇنىڭدىن شۇنى چۈشىنىۋىلىشقا بولۇدۇكى، قەرز ئېلىشتىن قورقماسلىق، ئەكسىچە قەرز ئېلىشنى ئۆگىنىش كېرەك.بىراق ئەمەلىيەتتە كۆپىنچە كىشىلەرگە قەرز ئېلىشنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيدۇ. چۈنكى ئۆي قەرز پۇلى ئىلتىماس قىلغاندىن كېيىن ھەر ئايدا مەلۇم نىسبەتتە قەرز قايتۇرىدۇ، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە شۇ ئايلىق چىقىمنىڭ تەڭپۇڭلۇقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، ئۆز ئىختىيارىچە خەجلەيدىغان پۇل ئازىيىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، نۇرغۇن كىشىلەر ئەنئەنىۋى ئىدىيىنىڭ تەسىرى بىلەن قەرز ئېلىشنى بىرخىل ياخشى بولمىغان تۇرمۇش ئۇسۇلى دەپ قارايدۇ، ئۇرۇغ-تۇغقان، ئەل-ئاغىنىلىرىدىن قەرز سورىسا سورايدۇ ئەمما بانكىدىن قەرز ئېلىشنى خالىمايدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۆي سېتىۋالغاندا كۆپ تۆلەشكە توغرا كەلسە كۆپ تۆلەيدۇ، ئاز تۆلەشكە توغرا كەلسە ئاز تۆلەيدۇ. ئەمەلىيەتتە بانكىدىن قەرز ئېلىش ئۇنچىۋالا قورقۇنچلۇق ئىش ئەمەس، بانكىدىن قەرز ئېلىش ھەرگىزمۇ مالىيە ئەھۋالىنىڭ ساغلام ئەمەسلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، ھەرقانداق ئىشنىڭ ياخشى ۋە يامان تەرىپى بار. قەرز پۇل ئادەتتە ياخشى سۈپەتلىك قەرز ۋە ناچار قەرز دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ. ياخشى سۈپەتلىك قەرز شەكلىدە، قەرز ئالغۇچىنىڭ مەبلىغىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ناچار قەرز شەكلىدە بولسا، ساپ ئىستىمالدىن بەھرىمەن بولۇش بەدىلىگە يۈكلىۋالغان قەرز ۋە تۆلەش ئىقتىدارىدىن ھالقىپ كەتكەن ئېغىر قەرزنى كۆرسىتىدۇ. ياخشى سۈپەتلىك قەرز شەكلىدە، ئىجارە ھەققى قەرز ئۆسۈمىدىن يۇقىرى بولسا، ئوتتۇرىدىن پايدىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. مەنپىي ئۆسۈم شارائىتىدا بانكىدىن قەرز ئېلىش بىلەن نۇرغۇن پايدىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن قەرز پۇل ئۆسۈم نىسبىتى سەۋىيىسىمۇ نىسبەتەن تۆۋەن. ھازىر 5 يىلدىن يۇقىرى سودا قەرز پۇلىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى %4.9، جامائەت فوندى قەرز ئۆسۈم نىسبىتى تېخىمۇ تۆۋەن بولۇپ ئاران %3.25. مالىيە ھېساباتىدا بىر ئاساسىي فورمىلا بار يەنى: ئومۇمىي مەبلەغ ساپ مەبلەغ بىلەن قەرزنىڭ يىغىندىسىغا تەڭ. شۇڭا قەرزمۇ بىرخىل مۈلۈك بولۇپ، ئەگەر ياخشى پايدىلانغاندا كۆپ پايدىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردا قەرز ئالغاندا، مالىيە تېخىمۇ ساغلام بولىدۇ. ئادەتتىكى مەبلەغ سېلىشتا، خۇسۇسىي مەبلەغنىڭ قەرز نىسبىتى ئەڭ ياخشىسى %50 دىن تۆۋەن بولۇش، شۇنىڭ بىلەن بىللە بەلگىلىك نەق پۇل ئېقىمىغا كاپالەتلىك قىلىپ كۈتۈلمىگەن خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، ياخشى سۈپەتلىك قەرزنى ئۈستىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلىش، قەرزدىن قورقماسلىق، «قەرز ئېلىش»نى بىلىش، مۇۋاپىق مىقداردا قەرز ئېلىش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ بايلىق ياراتقىلى بولىدۇ.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.