كۆلىمى ئەڭ كىچىك، ئۆي باھاسى ئەڭ يۇقىرى باي دۆلەت: موناكو

parida 2018-02-28 14:49:13

\

موناكو-دۇنيا بويىچە ئەڭ باي دۆلەت بولۇپ، ئەمما كۆلىمى ئاران ئىككى كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئۆي باھاسى دۇنيا بويىچە ئەڭ يۇقىرى.

\

كەمبەغەل يوق دۆلەت: موناكو، دۇنيا بويىچە كەمبەغەللەر مەھەللىسى يوق شەھەر دۆلىتىنىڭ بىرى. كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان GDP ياۋروپادىكى ئەڭ باي دۆلەت شىۋېيتسارىيە، نورۋېگىيەدىن ئېشىپ كېتىدۇ. ئۆي باھاسى دۇنيا بويىچە بىرىنچى، ھەربىر كىۋادرات مېتىر يەر 50 مىڭ 100 مىڭ ياۋرو ئارىلىقىدا، بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇنىڭ چەترەك جايلىرىدىكى بىر يۈرۈش ئۆيگە پەقەت بىر كىۋادرات مېتىر ئۆي كېلىدۇ دېيىشكە بولىدۇ.

\

موناكونىڭ ئۈچ تەرىپىنى تاغ ئوراپ تۇرىدۇ، بىر تەرىپى ئوتتۇرا دېڭىزغا قارايدۇ، فىرانسىيەنىڭ پروۋېنس ئۆلكىسى بىلەن ئىتالىيەنىڭ لىگۇرىيا ئۆلكىسى چېگرالىنىدىغان جايغا جايلاشقان. جۇغراپىيەلىك ئورنى ئالاھىدە بولغانلىقتىن، موناكونىڭ نوپۇس تەركىبى دۇبەينىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدۇ، يەرلىك نوپۇس %21 نى ئىگىلەيدۇ، فىرانسىيەلىكلەر %28 ئىگىلەيدۇ، قېلىپ قالغىنى ئىتالىيەلىك ۋە ئەنگلىيەلىكلەر.

\

موناكونىڭ تۆۋەن كىرىملىك خىزمەت ئورنىنى فىرانسىيە ياكى ئىتالىيەلىكلەر ئۈستىگە ئالغان، شۇڭا دۇبەيدىن 10 ھەسسە باي. موناكودىكى ئاساسلىق ئەمگەك كۈچىنى پۈتۈنلەي فىرانسىيەلىكلەر بىلەن ئىتالىيەلىكلەر دېيىشكە بولىدۇ، ئۇلار كۈندۈزى موناكودا خىزمەت قىلىدۇ، كەچلىكى فىرانسىيە ياكى ئىتالىيەگە قايتىپ كېتىدۇ.

\

موناكونىڭ ئومۇمىي يەر مەيدانى ئاران 2.02 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى 30 مىڭدىن ئاشىدۇ، نوپۇسى ئاز، موناكوغا كۆچمەن بولۇپ كىرىش مۇمكىن ئەمەس، تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى بۇ دۆلەتنىڭ ئارمىيەسى يوق. موناكونىڭ يېرى ئالتۇندىنمۇ قىممەت، ھەقىقىي ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئادەم كۆپ ئەمەس، چۈنكى نۇرغۇن ئۆيلەر ئارام ئېلىشقا كەلگەندە ئىشلىتىش ئۈچۈن سېتىۋېلىنغان، شۇڭا نۇرغۇن ئۆيلەر قۇرۇق.

\

بايلار بىلەن ئاقسۆڭەكلەر ئادەتتە موناكوغا خىزمەت ئۈچۈن كەلمەيدۇ، ئۇلار بىر بولسا سەيلە كېمىسى بىلەن كېلىپ دەم ئالىدۇ، بىر بولسا قىمارخانىغا بېرىپ چوڭ قىمار تىكىدۇ. موناكومۇ بىر خەلقئارالىق كۆپ مەنبەلىك دۆلەت، يەرلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئۈچتىن تۆتكىچە تىلنى بىلىدۇ، ئاساسلىق ئالاقە قىلىدىغان تىل فىرانسۇز ۋە ئىنگلىز تىلى، ئەلۋەتتە ئىتالىيە تىلىمۇ كۆپ ئىشلىتىلىدۇ.

\

موناكونىڭ پۇقرالىرىمۇ ناھايىتى باي، شۇڭا ئۇلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىمۇ خېلى يۇقىرى. بۇ يەردە بىر ئىستاكان قەھۋە 55 يۈەن، بىر بوتۇلكا مىنېرال سۇ 92 يۈەن. موناكودا ھەشەمەتلىك ماشىنىلار كۆپ ئۇچرايدۇ، چوڭ تىپتىكى سودا ساراي ياكى مېھمانخانا ئەتراپىدا دائىم ھەشەمەتلىك ماشىنا كۆرگەزمىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ، ھەقسىز كۆرۈپ چىقسىڭىز بولىدۇ، ئىشىك بېلىتى ئالمايدۇ.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە نۇر تورىدىن ئېلىندى

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.