يېڭى پاختا باھاسى ئىزچىل داۋالغۇش قىلماقتا

 

11-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى خەۋەرگە قارىغاندا، 11-ئاينىڭ 23-كۈنى، يېڭى يىللىق پاختا مەركەزلىك بازارغا سېلىنغان بولغاچقا، سودا ئامبار زاپىسى تېز سۈرئەتتە ئاشقان، جېڭجوۋ پاختىسىنىڭ CF 2701 توختامىدىكى ئامبار زاپىسىنىڭ كۆپىيىشى تۆۋەنلىگەن، بازار ئاخىرىدا 45 نۇقتا تۆۋەنلەپ، ھەر توننىسىنىڭ باھاسى 15 مىڭ 210 يۈەن بىلەن ئاياغلاشقان. قەرەللىك پاختىنىڭ داۋالغۇپ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، چىگىتلىك پاختىنىڭ سېتىۋېلىنىش باھاسى سىجىل تۆۋەنلەپ، نەق مال بىلەن تەمىنلەش كۆپىيىپ، ئاساسىي پەرق ئازراق ئاجىزلىغان، يۇقىرى سۈپەتلىك پاختىنىڭ ئاساسىي پەرقى مۇستەھكەملەنگەن. تۆۋەن ئېقىندىكى توقۇمىچىلىق بازىرىنىڭ يۈرۈشۈشى ئاجىز بولغان، ئاۋات پەسىلدە ئاۋات بولماسلىق ئورتاق تونۇشقا ئايلانغان، تەييار مەھسۇلاتلارنىڭ ئامبار زاپىسى سىجىل بېسىلىپ قالغان، بۇنىڭ بىلەن قوزغىتىش يۈكى تۆۋەنلەپ، توقۇمىچىلىق كارخانىلىرى باھا چۈشكەندە زۆرۈر ئېھتىياج بويىچە ئامبارنى تولۇقلىغان. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، تەمىنلەش بېسىمى ئازايمىغان، ئاخىرقى ئۇچتا كۆرۈنەرلىك ياخشىلانمىغان بولۇپ، باھا قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئاجىز داۋالغۇش ئەندىزىسىنى داۋاملاشتۇرۇشى مۇمكىن ئىكەن.

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.