ئالتۇن بېسىمى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولغىنى ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ئامېرىكا دۆلەت زايومى پايدا نىسبىتىنىڭ كۈچلۈك ئىپادىسى بولدى. ئامېرىكا دوللىرى ئۆتكەن جۈمە كۈنى داۋاملىق % 0.22 ئۆرلەپ، تەخمىنەن 19 ئايدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتا ئەتراپىنى يېڭىلىغان يەنى، پۈتۈن ھەپتىدە جەمئىي % 1.09 ئۆرلەپ، ئىككى ئايدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ يەككە ھەپتىلىك ئۆرلەش نىسبىتىنى ياراتقان، شۇنداقلا ئۇدا ئۈچىنچى ھەپتە ئۆرلەشنى داۋاملاشتۇرغان. تۈرتكە بولۇشنىڭ كۈچى ئاساسلىقى بازارنىڭ ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈش ئېھتىماللىقىغا بولغان كۆزلىمىسىنىڭ ئۆرلىشى ھەمدە ئامېرىكا دۆلەت زايومى پايدا نىسبىتىنىڭ ماس قەدەمدە ئۆرلىشىدىن كەلگەن.
ئىككى يىللىق ئامېرىكا زايومىنىڭ پايدا نىسبىتى ئالدىنقى ھەپتە تەخمىنەن 34 ئاساس نۇقتا ئۆرلەپ، % 4.87 ئەتراپىغا يېتىپ، 2025-يىلى 4-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ يەككە ھەپتىلىك ئېشىش نىسبىتىنى ياراتقان. جۈمە كۈنى بولسا ئىككى يىللىق زايومنىڭ پايدا نىسبىتى % 4.867 بولۇپ، كۈندۈزى بىر مەھەل % 4.892 كە يېتىپ، 10-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەنى ياراتقان؛ ئون يىللىق زايومىڭ پايدا نىسبىتى % 5.149 كە ئۆرلەپ، كۈندۈزى % 5.174 كە يېتىپ، ئوخشاشلا بۇ يىل 4-ئايدىكى «تاموژنا بېجى ۋەقەسى»دىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ يەككە ھەپتىلىك ئېشىش نىسبىتىنى شەكىللەندۈرگەن. ئىككى يىللىق قەرەل بىلەن ئون يىللىق قەرەلنىڭ پايدا پەرقى 28 ئاساس نۇقتىغا كېڭەيگەن.

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.