
شىنجاڭنىڭ پاختا باھاسى زور دەرىجىدە چۈشۈپ كەتتى
10-ئاينىڭ 30-كۈنىدىكى خەۋەرگە قارىغاندا، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتى قەرەللىك مال باھاسىنىڭ سىجىل تۆۋەنلىشىدەك بازار ئەھۋالىنىڭ تەسىرىدە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى چىگىتلىك پاختىنى سېتىۋېلىش باھاسىدا كۆرۈنەرلىك بوشىشىش كۆرۈلگەن، قىسمەن رايونلاردا ماشىنىدا يىغىۋېلىنىدىغان پاختىنىڭ ھەر كىلوگىرامىنى سېتىۋېلىش باھاسى يەتتە يۈەنلىك ئۆتكەلدىن چۈشۈپ كەتكەن، پاختا كارخانىلىرىنىڭ يىغىۋېلىشنى توختىتىش دائىرىسى تەدرىجىي كېڭەيمەكتە.
1.رايون سېتىۋېلىش رىتىمىدىن قارىغاندا، شىمالىي شىنجاڭدىكى ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىنىڭ يىغىۋېلىش مۇساپىسى ئومۇمىي جەھەتتىن ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا قەدەم قويغان بولۇپ، كۆپ ساندىكى پاختا كارخانىلىرى يېقىندا ئارقا ـ ئارقىدىن يىغىۋېلىشنى توختىتىپ، بارلىق زېھنىنى يىغىۋېلىنغان چىگىتلىك پاختىنى پىششىقلاش ھالقىسىغا يۆتكىگەن. بىر ئايدىن كۆپرەك مەركەزلىك سېتىۋېلىش ئارقىلىق، شىمالىي شىنجاڭدىكى پاختا كارخانىلىرىنىڭ قولىدىكى يېڭى پاختا بايلىقى ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلىيلەشكەن، ساپ پاختىغا ماس كېلىدىغان پىششىقلاش تەننەرخى ئاساسىي جەھەتتىن بېكىتىلگەن بولۇپ، كېيىن مەركەزلىك ھېسابات ئۈزۈش، نەق مال ئوبوروت قىلىش باسقۇچىغا كىرىدىكەن. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىنىڭ يىغىۋېلىش سۈرئىتى يەنىلا تېز سۈرئەتتە ئالغا سىلجىتقان، ھازىر پاختا كارخانىلىرىنىڭ قولىدا پۈتۈن يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئائىت خام ماتېرىيال تېخى يېتەرلىك يىغىۋېلىنمىغان،چىگىتلىك پاختا سېتىۋېلىشتا يەنىلا بەلگىلىك باھا ئالماشتۇرۇش، تەڭشەش بوشلۇقى مەۋجۇت بولۇپ، پاختىكارلار بىلەن چىگىت ئايرىش زاۋۇتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى باھانى ئۆستۈرۈش كۈرىشى يەنىلا داۋاملاشماقتا.
2.ھازىر بازار باھاسىنىڭ تەتۈر ئېسىلىش بېسىمى يەنىلا كەسىپ زەنجىرىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىغا سىجىل يەتكۈزۈلمەكتە. پاختا كارخانىلىرىنىڭ مۇھىم پايدا تولۇقلاش تۈرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھازىر پۈتۈن شىنجاڭدا چىگىتنىڭ ئاساسىي ئېقىمدىكى سېتىلىش باھاسىنىڭ ھەر كىلوگىرامى 2.6-2.7 يۈەن ئارىلىقىدا ئومۇميۈزلۈك مۇقىم بولماقتا، تۆۋەن ئېقىندىكى توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ سېتىۋېلىشتا ئېھتىياتچان بولۇش، قاراپ بېقىش كەيپىياتىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىدە، ساپ پاختا نەق مېلىنىڭ بىرلا باھادا سېتىلىشى كۆرۈنەرلىك ئاستىلىغان، بازار ئوبوروتى زاكاز مالغا ئاساسىي پەرقنى قوشۇپ باھا بەلگىلەش ئەندىزىسى ئارقىلىق ئالغا سىلجىتىشكە تېخىمۇ كۆپ تايانماقتا، بازاردىكى تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ئوتتۇرىسىدىكى كۈچ سىنىشىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى سېتىۋېلىش ئۇچىدىن تەدرىجىي ھالدا يېڭى پاختا نەق مال ئوبوروتى ۋە تۆۋەن ئېقىندىكى ئىستېمال ئۇچىغا يۆتكىلىدىكەن.
