ئۆسۈملۈكلەردىكى «ئاۋۋال چېچەكلەپ ئارقىدىن يوپۇرماق چىقىرىش»نىڭ سىرى

parida 2019-04-09 13:09:10

\


نېمىشقا كۆپ ساندىكى ئۆسۈملۈكلەر ئاۋۋال چېچەكلەپ ئارقىدىن يوپۇرماق چىقىرىدۇ؟ باھارنىڭ ئاشۇ سوغۇقىدا، كۆپ ساندىكى گۈللەر گۈزەللىك تالىشىپ ئۆسىدىغان ۋاقىتتا، كۆزىتىشكە ماھىر ئادەملەر، بەزى دەرەخلەرنىڭ شاخلىرى تاقىر بولسىمۇ، ئەمما پورەكلەپ ئېچىلغان چېچەكلەرگە تولغانلىقىنى، ھەتتا «گۈلى بار يوپۇرمىقى يوق» مەنزىرە شەكىللىنىپ، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە تولغانلىقىنى بايقايدۇ.

ئاۋۋال چېچەكلەپ ئارقىدىن يوپۇرماق چىقىرىش بىر قىسىم ئۆسۈملۈكلەرنىڭ چېچەكلەش ئالاھىدىلىكى بولۇپ، ھەمىشە ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى ياغاچ غوللۇق ئۆسۈملۈكلەردە كۆرۈلىدۇ، ئۇنداقتا قايسى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ گۈلى بىلەن يوپۇرمىقى بىرلا ۋاقىتتا ئۆسىدۇ؟

بىزگە مەلۇم، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بىخى ئۈچ خىل بولىدۇ: يوپۇرماق بىخى، گۈل بىخى ۋە ئارىلاش بىختىن ئىبارەت. يوپۇرماق بىخى ئەڭ ئاخىرىدا يېتىلىپ شاخقا ئايلىنىدۇ.گۈل بىخى گۈل ياكى گۈل رېتىغا ئايلىنىدۇ، ئارىلاش بىخ يېتىلىپ ھەم يوپۇرماق ئۆسىدىغان ھەم گۈل ئېچىلىدىغان شاخقا ئايلىنىدۇ، ئارىلاش بىخ يوپۇرماق ئاساسى، يان بىخ ئاساسى شۇنداقلا گۈل قىسمى ئاساسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ بىخلار ئادەتتە ئالدىنقى يىلى كۈزدىلا شەكىللىنىپ بولغان بولىدۇ، قىش كېتىپ، باھار كەلگەندە، ھەر قايسى قىسىملاردىكى بىخلار ئاستا- ئاستا ئۆسۈپ چىقىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاۋۋال چېچەكلىشى ياكى ئاۋۋال يوپۇرماق چىقىرىشى ئۇلارنىڭ مۇھىت، كىلىماتقا بولغان تەلىپى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.