ئالتۇننىڭ ئۆسۈشى قايتا ھۇجۇمغا ئۆتتى

parida 2019-04-09 13:05:14

\

سەيشەنبە كۈنى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرىدا، نەق مال ئالتۇن 1299ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا ئىككىلىنىش ھالىتىدە تۇرغان بولۇپ، ئالدىنقى سودا كۈنىدە ئالتۇن باھاسى بىر مەھەل تېز سۈرئەتتە يۇقىرىغا ئۆرلەپ 1300ئامېرىكا دوللارلىق ئۆتكەلنى بۇزۇپ تاشلاپ يۇقىرى نۇقتا 1303.60ئامېرىكا دوللىرىغا چىقتى، كېيىن يەنە ئارقىغا يېنىپ، شۇ كۈندىكى مۇسبەت سىزىق ئۆسۈشتىن توختىدى.

مەزكۇر سودا كۈنىدىن قارىغاندا، ئالتۇن باھاسى ۋاقتىنچە تار دائىرلىك تەۋرىنىش ھالىتىنى ئاساس قىلغان.

ئامېرىكا دوللىرىنىڭ 1300لىك ئۆتكەلنى بۇزۇپ تاشلىشى ھەمدە يەنە ئىزچىل يۇقىرىغا ئۆرلەپ 1303.60ئامېرىكا دوللىرىغا كېلىشىگە ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئاجىزلىششى ھەمدە يېقىنىقى مەزگىلدىكى پاي چېكى بازىرىنىڭ بېسىمغا ئۇچراپ ئۆسۈشىنىڭ ۋاقتىنىچە توختاپ قېلىشى سەۋەب بولغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە نەق مال كۈمۈشنىڭ قىسىقا سىزىقى يۇقىرىغا قاراپ 1% ئۆرلىگەن بولۇپ، ھازىرىقى باھاسى 15.24ئامېرىكا دوللىرىغا چىقىپ يېڭى رېكورت ياراتقان. داۋمىڭ ئاكىسيەسىنىڭ زور مىقدارلىق تاۋار ئانالىزچىسى Bart Melekنىڭ كۆرسىتىشچە، »ھازىر بازارنىڭ خەۋپ -خەتەر كەيپىياتى نىسبەتەن ياخشىلانغان بولۇپ، ئامېرىكا دوللىرى ئاجىزلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە Kitco Metalsنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئانالىزچىسى Jim Wyckoffئەڭ يېڭى دوكىلاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن، »سودىگەرلەر بىلەن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ پوزىتسىيەسى ئۇمۇمى جەھەتتىن يەنىلا ئۈمىدۋار كەيپىياتنى ساقلىغان بولۇپ، بۇمۇ ئۆز نۆۋىتىدە پاي چېكى بازىرىغا تېرەك بولغان، بىراق خەۋپتىن ساقلىنىش مۈلۈكى بولغان قىممەتلىك مېتاللارغا پايدىسىز»

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.