جۇڭگو مەركىزى بانكىسىنىڭ ئالتۇن سېتىۋېلىشى ئۇدا 4ئاي يۇقىرى سەۋىيەنى ساقلىدى

parida 2019-04-09 13:12:14

\


يېقىنقى مەزگىلىدە جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ ئېلان قىلغان تەكشۈرۈپ سىتاستىكا قىلىش نەتىجىسىدىن كۆرسىتىلشىچە، جۇڭگونىڭ ئالتۇن زاپاس مىقدارى ئۇدا 3ئاي يۇقىرى سەۋىيەنى ساقلاپ كەلگەن بولۇپ، 3-ئاينىڭ ئاخىرغىچە، جۇگونىڭ ئالتۇن زاپاس مىقدارى 0.6% ئېشىپ، 1885.5توننىغا يەتكەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە 2018-يىلى 12ئايدىن بۇيانقى ئالتۇن زاپاس مىقدارىنىڭ ئىزچىل يۇقىرى بولۇشتە 4ئايلىق سەۋىيەنى ياراتقان.

ھەمدە جۇڭگونىڭ ئالتۇن زاپاس مىقدارى ئاكتىپ ھالەتنى ساقلىغان بولۇپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مەركىزى بانكىسىمۇ ساغلام ھالەتتە تېز سۈرئەتتە ئالتۇن زاپاس مىقدارىنى ئاشۇرۇشقا تىرىشىپ كەلگەن.

يەر شارى ئالتۇن جەمئىيىتىنىڭ 4-ئايدىكى ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدىن كۆرسىتىلىشچە، 2019-يىلى 2-ئايغىچە يەر شارى مەركىزى بانكىسىنىڭ ئالتۇن زاپاس مىقدارى 33871.36توننا بولغان بولۇپ، ئاشقان ساپ قىممەت 51تونىغا يەتكەن، بۇ 2018-يىلى 10-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سېتىۋېلىش مىقدارى بولۇپ ھېسابلىدىكەن. بۇ يىللىق دوكىلاتتا كۆرسىلىشچە، بۇ يىل دۇنيادىكى مەركىزى بانكىلارنىڭ ئالتۇن زاپىسىنىڭ ئېشىش مىقدارى 90تونىغا يېتىدىكەن.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.