ئەتىگەندە خوشال ئويغىنىشقا ياردەم بېرىدىغان ئەپچىل ئۇسۇللار

parida 2019-03-26 13:30:27

\


تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بىر يىل ئىچىدىكى 267 كۈندە كىشىلەر ئۇيقۇدىن ئويغاندا، قوڭغۇراقلىق سائەت بىلەن ياكى يان تېلېفوننىڭ قۇڭغۇراقلىق مۇزىكىسى بىلەن 18 مىنۇت «كۆرەش» قىلىدىكەن. كەچتە بالدۇر ئۇخلاشتىن سىرت، يەنە بەزى ئۇسۇللارمۇ سىزنىڭ سەھەردە بالدۇر ئويغىنىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ.

1. كارىۋاتنىڭ سول تەرىپىدە ئۇخلاش

كارىۋاتنىڭ سول تەرىپىدە ئۇخلاشقا ئادەتلەنگەن كىشىلەرنىڭ خۇشال كەيپىيات دەرىجىسى كارىۋاتنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئۇخلاشقا ئادەتلەنگەنلەرگە قارىغاندا %10 يۇقىرى بولىدىكەن. كارىۋاتنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئۇخلاشقا ئادەتلەنگەنلەردە ئاسانلا چۈشكۈنلۈك كەيپىياتى پەيدا بولىدىكەن.

2. سېرىق رەڭلىك ئۇخلاش كىيىمى كىيىش

ئويغىنىپ تۇنجى بولۇپ كۆرگەن رەڭ ئويغانغاندىن كېيىنكى كەيپىياتقا تەسىر كۆرسىتىدۇ. سېرىق رەڭلىك ئۇخلاش كىيىمى كىيىش، ياتاق ئۆيگە سېرىق رەڭلىك پەردە ئېسىش قاتارلىقلار سەھەردىكى كەيپىياتنىڭ خۇشال بولۇشىغا پايدىلىق.

3.ئۆزى ياقتۇرىدىغان ناخشا-مۇزىكىلارنى قوڭغۇراق مۇزىكىسى قىلىپ تەڭشەش

سەھەردىكى كەيپىيات بولسا ئاۋاز بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. ئۆزى ياقتۇرىدىغان ناخشا-مۇزىكىلارنى قوڭغۇراق مۇزىكىسى قىلغاندا، كەيپىيات تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ بولىدۇ.

4. بەش مىنۇت ھەرىكەت قىلىش

سەھەردە ئويغانغاندىن كېيىن، بەش مىنۇت ھەرىكەت قىلغاندا، ئامىنپولىفېنولىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. بۇ خىل ھورمۇننىڭ تىنچلاندۇرۇش رولى بار بولۇپ، ئاغرىق سېزىمىنى يېنىكلىتىپ، كەيپىياتنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

5.سوغۇق سۇدا يۇيۇنۇش

ھاۋا ئىسسىق كۈنلىرى ئويغانغاندىن كېيىن سوغۇق سۇدا يۇيۇنغاندا چوڭ مېڭە سەگەكلىشىپ، ھاردۇقنى چىقارغىلى، مېتابولىزمنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

6. ئەتىگەنلىك تاماقتا قارا ئاشلىقنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش

ئاق بولكىغا سېلىشتۇرغاندا، تازىلانغان گۈرۈچ، ئاق ئۇن، سۇلۇ يارمىسى، تاتلىقياڭيۇ، قارا ئاشلىقتىن ياسالغان بولكا قاتارلىق قارا ئاشلىقلار قورساقنى ئاسان ئاچۇرمايدىغان بولغاچقا، ئادەم زېھنىنى ئۇزاققىچە مەركەزلەشتۈرەلەيدۇ

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.