نۇردىن پايدىلىنىپ چوڭ ھەجىمدىكى نەرسىلەرنى لەيلەتكىلى بولدىكەن

parida 2019-03-26 13:29:02

\


ئامېرىكا كالىفورنىيە تەبىئىي پەنلەر شۆيۈەنىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى يېقىندا «تەبىئەت. نۇر ئىلمى» ژۇرنىلىنىڭ توردا ئېلان قىلغان ئىلمىي ماقالىسىدە، ئۇلارنىڭ جىسىمنىڭ سىرتقى يۈزىدە ئالاھىدە نانومېتىر قۇرۇلمىسىنى قۇرۇش ئارقىلىق، نۇر ئارقىلىق جىسىملارنى لەيلىتىدىغان ھەمدە ئۇلارنى يۆتكىگىلى بولدىغان يېڭى ئۇسۇلنى لايىھەلەپ چىققانلىقىنى ئېيتتى. تەتقىقاتچىلار، بۇ نەزەرىيە ئۇسۇلىنىڭ نۇرغۇن ئەمەلىي ئىشلىتىلىدىغان ئورۇنلىرىنىڭ بارلىقىنى، ھەتتا، يورۇقلۇق ئېنرگىيەسى ئارقىلىق قوزغىتىلىدىغان يېڭى بىر ئەۋلاد ئالەم ئۈسكۈنىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشقا ئىشلىتىشكە بولدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ ئۇسۇلنىڭ مۇھىم ھالقىسى جىسىمنىڭ سىرتقى يۈزىدە ئالاھىدە نانومېتىر قۇرۇلمىسىنى ھاسىل قىلىش بولۇپ،بۇ خىل قۇرۇلما يورۇقلۇق بىلەن ئۆئارا تەسىرلىشىپ، جىسىمنىڭ سىرتقى يۈزىنى بويلىغان يورۇقلۇقنىڭ تارقىلىشىنى كونترول قىلىش ئارقىلىق، مىللىمېتىر دەرىجىلىك، سانتىمېتىر دەرىجىلىك، ھەتتا مېتىر دەرىجىلىك ھەجىمدىكى جىسىملارنىڭ تۇراقلىق بوشلۇقتا كونترول قىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىكەن. جىسىم سىرتقى كۈچنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاندا، ئۆز ئالدىغا تەڭشەش ئېلىپ بېرىپ، ئۆزىنى نۇر دەستىسى بېسىپ ئۆتىدىغان يولدا ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، تولغىنىش مومېنتىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىكەن.

مەزكۇر ماقالىنىڭ ئاپتورلىرىنىڭ بىرى، كالىفورنىيە تەبىئىي پەنلەر شۆيۈەنىنىڭ قوللىنىشچان فىزىكا ۋە ماتېرىيال ئىلمى شىسىدىكى خاررى مۇنداق دېدى: بۇ خىل تېخنىكىنى ھەتتا كەلگۈسىدىكى يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى ئارقىلىق قوزغىتىلىدىغان ئالەم ئۈسكۈنىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشقا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا، بۇ خىل ئالەم ئۈسكۈنىسىگە يېقىلغۇ قاچىلاشنىڭ ھاجىتى يوق، نانومېتىر دەرىجىلىك قۇرۇلمىلاردىن قۇرۇلغان لازېر نۇرىدىن پايدىلىنىپ نۇرنىڭ يەلكىنىنى ئىلگىرىلەتكىلى بولىدۇ، لازېر نۇرىدىن پايدىلىنىپ سۈرئەتنى تېزلىتىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ سۈرئىتىنى ھەتتا نۇر سۈرئىتىگە يېقىنلاشتۇرغىلى بولىدۇ.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.